ئاياللار كېسەللىكى

ھامىلدار ئاياللار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

1 – ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇلانماسلىق ، پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يېتىش ، دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە جىنىس مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك .

         2 – ئادەتتە ، دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ، كىيگەن كىيىم كەڭ ، ئازادە بولۇش ، لىپتىك تاقىماسلىق ، قورساقنى سىقىۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك لازىم .

         3 – ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە كۆپرەك تەرلەيدىغان بولغاچقا ، پات – پات يۇيۇنىشى ، ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى ، ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەر پاختا رەختتىن بولىشى كېرەك .

         4 – زۇكام قاتارلىق ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ، ئەگەر زۇكام بولۇپ قالسا ، زۇكام دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك .

         5 – تۇغۇتتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان ئاياللار بالا ئېمىتىش مەزگىلدە ،ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئەمچەك توپچىسىنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك .          7 – بالىنىڭ تەربىيىلىنىشى ھامىلە تەربىيىسىدىن باشلانغان بولغاچقا ، ھامىلدارلىق مەزگىلدە ، دائىم مۇزىكا ئاڭلاش ، روھى كەيپىياتنى خوشال تۇتۇش كېرەك ، ئاچچىقلىنىش ، قايغۇرۇش ، ھەسرەت چېكىشتىن ساقلىنىش لازىم

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button