ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

يېشى چوڭايسىلا جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟

جىنسىي ئەزا قوپۇش قىيىنلىشىش بىردىنبىر ياش قۇرامىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان جىنسىي ئىقدىار جەھەتتىكى توسالغۇ بولۇپ ، ئادەمنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ھەرىكىتى رېتىمى 40~60 ياش ئەتراپىدا بارغانسىرى ئازلايدۇ . 60 ياشتىن ئاشقاندا ئازلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ . مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلىق ئۇچۇر بار : جىنسىي ئاجىزلىق 20ياشتا پەيدا بولۇش نىسبىتى 0.1% ، 60 ياشقا كىرگەندە 18.5% گە يېتىدىكەن . بۇنداق ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى باشقا ئورگانلارنىڭ رولى ئاجىزلاشقالىقىغا ئوخشاش ، نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ . لېكىن يەنە بىر گۇرۇپپا سانلىق ئۇچۇردا باشقىچە ئەھۋاللار خاتىرلەنگەن : 70% دىكى ئەرلەردە يەنىلا رېتىملىق ھالدا جىنسىي ئالاقە تۇرمۇش بولغان ، ھەتتا 78 ياشقا كىرگەن ئادەملەر توپى ئىچىدە 25% كىشىلەر نورمال جىنسىي تۇرمۇشى بار ئىكەن . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈلۋالغىلى بولىدۇكى ، ياش چوڭايغانسىرى ھەقىقەتەن جىنسىي جەھەتتە ئاجىزلاشقا باشلايدۇ ، لېكىن چوقۇم دىگەن گەپ ئەمەس . ياشانغانلار تولۇق تونۇپ يېتىدىغان مەسىلە شۇكى ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، جىنسىي رولىنىڭ كۈچلۈكلىكتىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى نورمال ئەھۋال ، قارغۇلارچە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ چوقۇملا يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنى قوغلاشماسلىق كېرەك . چۈنكى ، ئەر-ئايال تەرەپ ئۆزئار بىربىرىنى كۈيلەش ، سىلاش ھەم جىنسىي ئورۇنلىرىنى ئۆز ئارا يېقىش ئارقىلىقمۇ مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېتقاندا مەلۇم دەرىجىدە قاندۇغۇدەك ھېسسىياتلانغىلى ھەم قارشى تەرەپنى قاندۇرغىلى بولىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button