يۈزۈك سالدۇرغان ئاياللارمۇ ھامىلىدار بولامدۇ؟
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى بولسا پەرزەنت كۆرۈش يېشىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوشلۇق ئىچىگە قويۇلۇپ، مېخانىكلىك غىدىقلاش ۋە خىمىيىلىك ماددىنىڭ دەخلە قىلىشى ئارقىلىق ھاملىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈسكىنىسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، بۇ خىل ئۈزۈك ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا، تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا، دورا بىلەن ھاملىدارلىقتىن ساقلىنىشتىكى ناچار تەسىرلەر كۆرۈلمەيدۇ.
ئەمدى ئۈزۈك سالدۇرغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇپ قالامدۇ؟ دېگەن سۇئالغا كەلسەك، بۇ خىل ئېھتىماللىق ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. يەنى، ئۈزۈك توغرا قويۇلمىغان، ئۈزۈكنىڭ تىپى ياخشى تاللانمىغان، قويۇلۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ ئالماشتۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل ئېھتىماللىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئۈزۈك سالدۇرغان ئايالدا دىئابېت كېسەللىكى بولۇپ، قەنت مىقدارى زىيادە يۇقىرى، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىقى ئارتىپ كەتكەندە، ئۈزۈك چىرىپ، ھاملىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشىمۇ مۇمكىن.
شۇڭا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئۈزۈك سالدۇرغان ئاياللارغا ھەر يىلى تەكشۈرۈنۈپ تۇرۇشنى، جىنسىي ئەزالارنىڭ تازىلىقىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى، ئەگەر بىئاراملىق بولسا كېچىكتۈرمەستىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.