نېمە ئۈچۈن تۇنجى ھەيز كەلگەن قىزلار ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ئادەتتە قىزلار 14 ياشقا كەلگەندە جىنسىي ئەزالىرى يېتىلىپ، تۇنجى ھەيز كېلىدۇ. بىراق، بالدۇر بولغاندا توققۇز ياشتا، كېچىككەندە 18 ياشتىمۇ تۇنجى ھەيز كېلىدۇ. بۇ ئايرىم ئەھۋال ئەلۋەتتە، بۇ پەرق تەن ساپاسى، رايون پەرقى، ھاۋارايى شارائىتى قاتارلىق خىلمۇخىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. تۇنجى ھەيز كېلىش بىرخىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە.
بىراق، قىزلارنىڭ يېشى كىچىك، ئىش ئۇقماسلىق، خىجىل بولۇشى، ھەيز مەزگىلى تازلىقىنى بىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن، ئاسانلا ھەيز كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەردە فىزىئولوگىيىلىك تازىلىق ساۋاتلىرى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، تۇنجى ھەيز كەلگەن چاغدىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەردىن قورقۇپ ۋە جىددىيلىشىپ، ئانىسىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دوختۇرغا چاپىدۇ. شۇڭا، تۇنجى ھەيزنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىگىلەش ھەم ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئېتىبار بېرىش، قىزلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم
بىرىنچىدىن، تۇنجى ھەيز كەلگەن قىزلارنىڭ تۇخۇمدان ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە، تۇنجى ھەيز كەلگەن مەزگىلىدە ئىپادىلىنىدىغان ھەيز ئەھۋاللىرى ئىنتايىن تۇراقسىز بولىدۇ. ھەيز دەۋرى ئالدىغا ياكى ئارقىغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ، ھەتتا بىر ئايدا ئىككى قېتىم ياكى بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم كېلىدۇ. ھەيز بىر نەچچە قېتىم كېلىپ ئارىلىقتا بىر مەزگىل تۇتۇلۇپ، كېيىن قايتا نورماللىشىدۇ. بەزىدە ھەيز مىقدارى كۆپ بولسا، بەزىدە تامچىپ توختىماي 10 كۈنگىچە سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ھەتتا بىر ئايغىچە پاكىزلانمايدۇ. تۇنجى ھەيزنىڭ بىرىنچى يىلى بۇنداق ئەھۋاللار پەيدا بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن تەدرىجىي نورماللىشىدۇ، بۇنى داۋالاش ھاجەتسىز. ھەيز مىقدارى ئالاھىدە كۆپ بولسا ياكى تامچىلاپ توختىماي ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزسە، ياكى ئىككى-ئۈچ يىلغىچە سۆرىلىپ يەنىلا نورماللاشمىسا، بەزىدە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئورگان خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بايقالمىسا، مانا بۇ بالاغەت دەۋرىدىكى فۇنكىسىيىلىك بالىياتقۇ قاناش بولۇپ، داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ھەيز مەزگىلىدە مۇۋاپىق دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، يېنىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش كېرەك. ھەيز مەزگىلىدە ئىنتايىن يېنىك دەرىجىدە يېقىمسىزلىق بولسا، يەنىلا بىرقېسىم يەڭگىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر ھەيز مىقدارى كۆپ بولسا ياكى تامچىلاپ توختىمىسا ۋە ياكى ھەيز ئاغرىتىپ كەلسە، ئۇنداقتا خىجىل بولۇشتىن قورقماي، تەنتەربىيە مۇئەللىمىگە ئېنىق ئىيتىش، مۇئەللىم مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بەزى قىزلار ئەر ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتىشقا نومۇس قىلىدۇ، بۇ چاغدا مۇئەللىم ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە داس بوشلۇقىغا قان تولىدۇ، بۇ چاغدا بەزى قىزلارنىڭ ئەسلىدىلا تېنى ئاجىز بولغاچقا، كۈچلۈك ھەرىكەت قىلسا ئاسانلا بەل تېلىش ۋە قورساق كۆپۈشتەك يېقىمسىزلىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ھەيز مەزگىلىدە خام، سوغۇق، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېمەسلىك، سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق، ۋە سوغۇق تەگكۈزۋالماسلىق كېرەك.
تۆتىنچىدىن، سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ تازلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە قارشىلىق كۈچ ئاجىزراق، بالىياتقۇ ئېغىزى ئوچۇق بولىدۇ، باكتېرىيىلەردىن يۇقۇملىنىش ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا بۇنداق چاغدا سۈپىتى ئىشەنچىلىك دېزىنفېكسىيە قىلىنغان تازىلىق قەغەزلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
بەشىنچىدىن، ھەيز مەزگىلىدە كەيپىياتنى خۇشال-خورام، كۆڭۈلنى ئوچۇق-يورۇق تۇتۇش، كىچىككىنە ئىشلاردىن چېچىلىپ يۈرمەسلىك كېرەك. بۇنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ھەيزنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا پايدىسى بولىدۇ.