ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

نېرۋا خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق

بۇخىل جىنسى ئاجىزلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۇرى بولۇپ، ھازىرقىدەك يۇقرى بىسىملىق خزمەت ھالىتى، غەم ئەندىشىگە تولغان تۇرمۇش رېتىمى، ،خىزمەت، ئىختىزات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىللا كىشىلەرنىڭ جخنسى ئىقتىدارىغا ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلمەكتە

1.    كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى غەم ئەندىش ،بىكارچىلىق ۋە مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يىتەلمەسلىك بۇنداق ئىشلار روھى قۇۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ مىڭىنىڭ ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىپ، قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

2.   ھەرخىل سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن جىنسى مۇناسىۋەتنى پەقەت قىلماسلىق ياكى قىلغاندىمۇ تۇنجى قىتىملىق مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇش .بۇنىڭ بىلەن كىينكى قىتىملىقىدا جىددىلىشىپ قورقۇپ، جىنسى پائالىيەتتىن قورقۇش كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ.(كىلاسىك كىتاپلاردا ئۇنتۇلۇش خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق دەپ نام بەرگەن ) بۇنىڭ بىلەن ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ جىنسى ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

3.     جىنسى مۇناسىۋەتتە قاتتىق ئازارغا ئۇچراش م: قانۇن،ساقچى، تەشكىل، ئاتائانا،تۇتلۇپ قىلىش ( باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئوتكۇزگەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى جىنسى ئاجىزلىققا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ)

4.    قارشى تەرەپكە بولغان ھىسىياتى سۇسلىشش :ئايالىدىن گۇمان قىلىش، نەخمەيداندا تۇتىۋىلىش، غەم خۇرلۇق كۆيۇنۇش  ئىلھام يىتەرلىك بولماسلىق، قوپال گەپلەرنى قىلىش، ھىسىيات ئالماشتۇرۇشتا ئوچۇق يورۇق بولماسلىق …

5.   قارشى تەرەپ نىڭ جەلىپ قىلىش كۇچىنىڭ تۆۋەن بولىشى : جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق مەلۇم ئىشنى ھەل قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ تازلىقى ياخشى بولماسلىق، ماسلاشماسلىق

6.    جىنسى بىلىمى يىتەرسىز بولۇش : ئۇسۇل شەكىلنى توغرا تاللىماسلىق غىدىقلىنىشنىڭ كەم بولىشى، مۇھىتى مۇۋاپىق تاللانماسلىق، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەم بولۇش قاتارلىقلار نېرۋا خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

 كىلىنكىلىق ئىپادىسى :

 ئۇشتۇمتۇت ياكى تەدرىجى جىنسى ئىقتىدار چىكىنىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا قاتتىق جىددىلىشىپ قورقۇپ، ناھايتى تېز بوشۇشۇپ كىتىدۇ. جىنسى ھىسىياتنىڭ قوزغۇلىشى يىتەرلىك بولمايدۇ. بىمار روھسىزلىنىپ پۇتۇن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بىمارنىڭ روھى چۇشكۇنلىشىپ خانمۇش بولۇپ قالىدۇ. قاتتىق روھى ئازاپ چىكىدۇ. پۇتۇن بەدىنى ئورۇقلاپ زەكىرى يىگىلەيدۇ. جىنسى ئالاقىدىن لەززەت ئالالمايدۇ. بىمار يەنە ئۇنۇتقاقلىق ،خىيالچان ئويچان بولۇپ قالىدۇ. داۋاملىق پەرىشان بولۇپ يالغۇز يۇرۇنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئەھاللار تەرەققى قىلسا نېرۋا ئاجىزلىق، مالخولىيا، ھەتتا جۇنۇنلىققا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. بۇ كىسەلنى ۋاختىدا داۋالىمىغاندا بىمارنىڭ پۇتۇن ئومرى غەم قايغۇ بىلەن ئۆتىدۇ، ياكى ئۆلىۋىلىشنى ئويلاپمۇ قالىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button