ئاياللار كېسەللىكى

كېچىسى كۆپ سىيىدىغانلار ئېھتىيات قىلىڭ

بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ ، دائىم سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈپ تۇرمايدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنى بايقاش پۇرسىتى بولمايدۇ . شۇڭا ئادەتتە ئاياللار ئۆزىدىكى كېسەل ئالامىتىگە دىققەت قىلىشى زۆرۈر . ھەيز كۆپ كېلىش ، ۋاقتى ئۇزىراش قاتارلىق ئالامەتلەردىن باشقا ، روشەن سەۋەبى بولمىغان پات – پات سىيىش ، كېچىسى كۆپ سىيىش ياكى قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىمۇ بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى پەيدا بولغان – بولمىغاننى تەكشۈرتۈش كېرەك . چۈنكى ، ئوخشاش بولمىغان جايدا پەيدا بولغان بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئەگەر ئۆسمە ئىچكى پەردىدە بولسا ، ھەيز مەزگىلى ئۇزىراش ، ھەيز كۆپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئېغىر بولغاندا ، ئاغرىقتا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ ئەگەر بالياتقۇ مۇسكۇل دىۋارىنىڭ ئارىلىقى ياكى شىرىلىك پەردىنىڭ ئاستىدا بولغان ھەم سرتقا تومپىيىپ چىققان بولسا ، ئالدىدىن دوۋساقنى بېسىپ ، ئاغرىقتا كېچىسى كۆپ سىيىش ، پات – پات سىيگىسى كېلىش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ ؛ ئارقىسىدىن تۈز ئۈچەينى بېسىپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ تاشقى تەرەپكە تومپىيىپ چىقىشى روشەن بولۇپ ، چوڭايغاندىن كېيىن ، قورساق قىسمىنى سىيلىغاندا مونەكنى تۇتقىلى بولىدۇ . يۇقىرقى ئالامەتلەر پەيدا بولغان ئاياللار چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ، بالياتقۇسىنى تەكشۈرتىشى كېرەك .

ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاستا-ئاستا كىچىكلەيدۇ ، بۇ چاغدا بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كىچىكلىمەستىن ، ئەكسىچە يوغىنىسا ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئىمكانقەدەر تېز داۋالىنىش كېرەك .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button