كۆپ كۆرۈلىدىغان زەكەر كېسەللىكلىرى
زەكەر ۋە ئۇرۇقداننىڭ يىرىڭلىق يارىسى
بۇ ئەرلىك جىنسىي ئەزانىڭ ئۆزىدە ياكى ئۇرۇقداندا ھەر خىل يىرىڭلىق يارا(چاقا)پەيدا بولغانلىقىغا قارىتىلغان .
سەۋەبى: تاناسىل ئەزالار بەدەندىكى كىرەكسىز نەرسىلەر چىقىدىغان ۋە ئوڭاي بۇلغىنىدىغان ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن .تازىلىققا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا يارا پەيدا قىلىدۇ،دىمەك مەزكۇر كىسەل كۆپىنچە ھاللاردا تازىلىققا دىققەت قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
جىنسى ئەزا ۋە تاشاق خالتىسىنىڭ قىچىشىشى
بۇ ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى ۋە تاشاق خالتىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قىچىشىش خارەكتىرلىك كېساللىكتىن ئىبارەت .
سەۋەبى: ھەر خىل يەل خاراكتىرلىك ماددىلارنىڭ جىنسىي ئەزا ۋە تاشاق خالتىسىغا يىغىلغانلىقتىن بۇ ئەزالارنىڭ قىچىشىشىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ.
ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزا ۋە سۈيدۈك يولىغا ئۇششاق مۇدۇرلارنىڭ چىقىشى بۇ سۆگەل ۋە ئۇششاق مۇدۇرلارنىڭ ئالەت، خەتنە قىلغان جاي ئۇچى، زەكەر ئۇچىدىكى سۈيدۈك يول ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا پەيدا بولغانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى: سۆگەلنىڭ پەيدا بولىشى غەيرىي سەۋدانىڭ شۇ جايلارغا يىغىلىۋالغانلىقى، ئۇششاق مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولىشى شۇ ئورۇندا بىر ئاز ئۇنۇقەت پەيدا بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
زەكەر ئەگرى بولۇپ قىلىشى
بۇ، ئەرلەر جىنسىي ئەزاسىنىڭ ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئوڭ ياكى سولغا، ئاستى ياكى ئۈستۈن تەرەپكە مايىلللىشىپ، ئەگرى بولۇپ قالغانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى: بەزى غەيرى تەبىئىي بولغان قويۇق ماددىلار زەكەرنىڭ مەلۇم يەرلىرىدە تۇرۇپ قىلىپ، پەيلەرنى بىر تەرەپكە تارتىشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن زەكەر بىر ئاز ئەگرى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى زەكەردە ئششىق پەيدا بولغان سەۋەپتىن بىر تەرەپكە مايىللىشىپ ئەگرى بولۇپ قالىدۇ ياكى جىنسىي ئەزاغا قۇرۇقلۇق يېتىپ، ئۇنى ئاستا-ئاستا تارتقانلىقىدىن بىر تەرەپكە مايىل بولۇپ ئەگرى بولۇپ قالىدۇ، ياكى زەكەرنى خەتنە قىلغاندا ناتوغرا قىلغانلىقتىن زەكەر مايماق بولۇپ قالىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ زىيىنى شۇكى، گەرچە زەكەردە ئاغرىش قاتارلىق باشقا ئالامەتلەر بولمىسىمۇ، ئەگرى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۇن نورمال جىنسىي تۇرمۇشقا دەخلى قىلىدۇ ياكى بىمارنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.