ئاياللار كېسەللىكى

قايسى خىل رەڭلىك ئىچ كىيىمنى كەيگەن ياخشى؟

ئىچ كىيىمنىڭ رەڭگىنى تاللاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بەزى كىشىلەر قېنىق رەڭلىك ئىچ كىيىمنى ياقتۇرىدۇ، بىراق رەڭنىڭ بوياق ئارقىلىق بويىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. بوياق ماتېرىياللىرى ھەممىسى كۆپ خىل خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولغاچقا، ئازدۇر-كۆپتۇر زەھەرلىك ماددىلار ساقلانغان بولىدۇ. ئاپئاق ئىچ كىيىمگە كەلسەك، بەلكىم زىيادە ئاقارتقانلىقتىن بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ئىچ كىيىمنىڭ رەڭگى مۇھىممىكەن؟ ئىچ كىيىم كۆپ خىل ئىقتىدارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولىدۇ، مەسىلەن جىنسىي ئەزالارنى ئاسراش، يوتا بىلەن سىرىتقى كىيىملەرنىڭ سۈركىلىشىنى ئازايتىش، غەيرى پۇراقنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا، ئىچ كىيىمنى ئالاھىدە تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۇندىن قالسا راھەت قوغلىشى، ئۇندىن قالسا شەكلى قاتارلىقلارنى ئويلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىچ كىيىمنى توغرا كىيىش ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە كۈيۈنگەنلىكىنىڭ ئالامىتى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button