سۈت بېزى ياللۇغى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟
1. سۈت يىغىلىپ قېلىش. سۈت يىغىلىپ قېلىش باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپ، سەۋەبى:
(1) ئەمچەك توپچىسى زىيادە كىچىك ياكى ئىچىگە ئولتۇرۇشقان بولۇپ، ئېمىتىش قىيىنلىشىش. ھامىلىدار ئاياللار ئەمچەك توپچىسى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇشىنى ۋاقتىدا تۈزمىگەنلىكتىن، بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىشى قىيىنلىشىدۇ. (2) سۈت زىيادە كۆپ، چىقىرىش ئۈزۈل- كېسىل بولماسلىق. (3) سۈت نەيچىلىرى راۋان بولماسلىق. سۈت نەيچىسىدە ياللۇغ ياكى ئۆسمە بولۇش، سىرتقى بېسىم ۋە باغىرداقنىڭ قالدۇق تالالىرىنىڭ ھەممىسى سۈت نەيچىلىرى راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىچىگە ئولتۇرۇشۇش سەۋەبلىك
بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىشىنىڭ قىيىنلىشىشى ئەمچەك توپچىسى ئەتراپىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، باكتېرىيىلەر ئاسانلا لىمفا نەيچىلىرىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇندىن باشقا، بوۋاقلار دائىم ئەمچەك توپچىسىنى چىشلىگەن پېتى ئۇيقۇغا كېتىدۇ، بۇ چاغدا بوۋاقنىڭ ئېغىزىدىكى مىكروبلار بىۋاسىتە سۈت نەيچىلىرىگە، ھەتتا سۈت بېزى ئارىلىق ماددىسىغىچە تارقىلىپ، يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالتۇن رەڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئاساسلىق باكتېرىيىدۇر.
3. ئاستا خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل سەۋەبى بار: بىرى، جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى ياخشى داۋالانمىغانلىقتىن ( مەسىلەن: ئانتىبىئوتىكلار مۇۋاپىق ئىشلىتىلمەسلىك)؛ يەنە بىرى، كېسەللىك دەسلىپىدىلا ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ، سۈت چىقىرىش راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن سۈت يىغىلىپ قېلىپ، قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بولىدۇ.