ئەرلەر كېسەللىكى

سوغۇق ھاۋا — مەزى بېزى ئاسان زەخىملىنىدۇ

نۆۋەتتە ، مەزى بېزى كېسەللىكى ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھتىد  قىلىۋاتقان بىر قاتل بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . كۆپلىگەن ئەرلەر ھاۋا كېلىماتى مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كېتەلمەيدۇ . كۆپلىگەن كېلىنك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، ھاۋانىڭ سوۋۇپ كېتىشى ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . 
        سوغۇق ھاۋا سىمپاتىك نېرۋىلار(交感神经)نىڭ ھاياجانلاندۇرۇپ ، مەزى بېزىنىڭ تەرىيىشى ، بەز نەيچىسى ھەم قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ ، ئاستا خاراكتىرلىق قان تولۇشىنى پەيدا قىلىپ ، سۈيدۈك يولى بېسىمىنى يۇقىرلىتىپ سۈيدۈكنىڭ كەينىگەيېنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئەھۋاللار مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنڭ دۆۋىلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ . يۇقارقى ئۆزگىرىشلەر پات-پات سېيىش (尿频) ، سىيگەندە ئاغرىش(尿急) ، جىنسىي ئەزا ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                 كۆپ سۇ ئىچىش —ھەر كۈنى ئىستىمال قىلغان سۈيى 2 لېتىردىن كۆپ بولۇش

      ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن ، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئىسىتمال قىلغان سۈيى ئازلاپ كېتىدۇ . ئىسىتىمال قىلغان سۈيى ئازلىسا ، سۈيدۈكنىڭ سۇمىقتارى ئازلاپ ، سۈيدۈكنىڭ قۇيۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ . سۈيدۈكتىكى زەھەرلىك ماددىلار مەزى بېزىگە ھەم بۆرەك ، دوۋساق قاتارلىقلارغا زىيىنى بار . شۇڭلاشقا قىش قىروۋ سوغۇقتا چوقۇم كۆپ سۇ ھەم چاي ئىستىمال قىلىش كېرەك . ھەر كۈنى 2 لېتىردىن كۆپرەك سۇ ئىچىپ ، سۈيدۈك مىقتارىنى كۆپەيتىپ ، سۈيدۈك ئارقىلىق سۈيدۈك يولىنى تولۇق تازىلاپ يۇيۇشىغا ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ تاشلاشقا كاپالەتلىك بېرىش ، مەزى بىزىنىڭ قايتا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش لازىم . لېكىن كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن دوۋساقنىڭ ئىيادە تولۇپ كېتىش ، قايتا – قايتا كېچىدە تۇرۇپ ھاجەتخانىغا چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، كەچقۇرۇن سۇ ئىستىمال قىلىشنى ئازايتىش كېرەك .

                 سىيىش — سۈيدۈك قىستىغاندا ۋاقتىدا بوشۇنىۋېلىڭ .

     سۇنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ، بولۇپمۇ سوغۇق كۈنلەردە دائىم ئاسانلا سۈيدۈك قىستايدۇ . لېكىن سۈيدۈك قىستىغاندا << بىردەم چىدايلا…>>دىگەن خىيالدا بولماڭ ، سۈيدۈكنى قىسىپ ئولتۇرۇۋالغاندا ، دوۋساق سۈيدۈك بىلەن زىيادە كۆپ تولدۇرۇلۇنۇپ ، مەزى بېزىگە بېسىپ چۈشىدۇ ، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى بىمارلىرى بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا سۈيدۈكى كەينىگە يېنىپ ، بۆرەك ھەم سۈيدۈك نەيچىسىگە زەخىم ئېلىپ كېلىدۇ . بۆرەك ئىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەتتا سۈيدۈك سىيىش قىيىنلىشىش ھەم سۈيدۈك قالدۇق بولۇپ قېلىپ قىلىش قاتارلىق يامان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .

                 ھاراق ، تاماكا ، ئاچچىق تائاملاردىن پەرىز تۇتۇش — ناتوغرا ئادەتلەردىن ساقلىنىش

       ئاچچىق -چۈچۈك تائاملار يىمەكلىكلەر مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ بىۋاستە كېسەللىك ئامىلى ئەمەس ، لېكىن ھاراق ، قىزىل مۇچ قاتارلىق يىمەكلىكلەرھەم تاماكا قاتارلىقلار مەزى بېزىگە ھەم سۈيدۈك يولىغا غىدىقلاش رولىغا ئېگە بولۇپ ، قىسقا مۇددەتلىك جىنسى ئەزا قىسمى بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . يەنە مەزى بېزى ھەم دوۋساقنىڭ بويۇن قىسمىغا قان تولۇش ، سۇلۇق ئىششىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىپ مەزى بېزىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ . شۇڭلاشقا سوغۇق كۈنلەردا ، قىشلاردا ، ئاچچىق چۈچۈك يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىش ھەم ھاۋاق – تاماكا بىلەن <<ئىسسىنىش >> دەك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كېرەك .

                 كىيىم كىيىش— ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولسۇن

      كېىيىم بەك ئاز بولسا ، مەزى بېزى گە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشى مومكىن . ئىسسىق مۇھىت مەزى بېزى ھەم ئىسپىرما نەيچىىنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىرىدۇ . مۇسكۇل تالالىرىنى بوشاشتۇرىدۇ . چىقىش ئېغىزىنىڭ توسالغۇ كۈچىنى ئازايتىدۇ ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئېقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ . ئىسسىقلىق يەنە كېلىپ  مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ تارتىششىشنى ئازايتىپ ، مەزى بېزىنىڭ قانغا تولۇش ، سۇلۇق ئىششىشنى نورمال ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ .

                 توغرا ھالەتتە ئولتۇرۇڭ — ئۇزۇنۋاقىت ئولتۇرۇشقا ساقلىنىڭ

      قىشتا كىشىلەرنىڭ دالا پائالىيەتلىرى ئازلايدۇ ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆيدە خىزمەت قىلىدۇ ، نەتىجىدە ، ۋاقىت ئۇزارانسىرى ، بەزى ئەرلەر ئولتۇرالماي قالىدۇ . <<قورساق>> بەكلا ئاغرىپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ۋاقىتتا ئەرلەر ئولتۇرغاندا ، مەزى بېزىگە چۈشكەن بېسىمى چوڭ ھالەتتە ئولتۇرۋېلىپ ،  مەزى بېزىنىڭ بېسىمىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ . شۇڭا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم . بۇنىڭدىن سىرت ۋېلىسپىت ، موتوسىكىلىتتا ئۇزۇن ئولتۇرۇشمۇ  ئوخشاشلا مەزى بېزىنىڭ ئىششىش ، قان تولۇش ، بېسمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولالايدۇ .

                 باشقا ئەھۋاللار—- ئۇيقۇ ھەم ئارام       ئۇيقۇنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرىش ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش . قىش كۈنى تۈن ئۇزۇن بولغاچقا ، كۆپلىگەن كىشىلەر <<كۆپ ئۇخلىۋالدىم >> دەپ ھېس قىلىدۇ .، ھەقىقەتەن يېتەرلىك ئۇيقۇ مەزى بېزىەئە زور پايدسىى بار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ بىرگە ئېلىپ مېڭىش كېرەك . شۇندىلا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرىلاتقىلى ، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button