زەكەر قىسقا بولسا جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
قىسمەن ئەرلىرىمىزنىڭ زەكىرى قىسقا ، بۇ ھەقىقەتەن نورمال جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
بىرىنجى تۈردىكىلەر كىچىك زەكەر دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ تۈردىكىلەر كۆپىنچە 15~25 ياشتىكى ياشلىرمىزدا كۆپ كۆرۈلىدۇ ، ھەمدە ئىككىلەمچى جىنىس بەلگىلىرى تولۇق يېتىلمەسلىك ئەھۋاللىرى مەسىلەن ئۇرۇقدان زىيادە كىچىك بولۇش ، ساقال بۇرۇتلىرى ، قولتۇق تۈكلىرى بولماسلىق ھەم كىكىردەك قىسمى بىر قەدەر تۈز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . بۇ ئاساسەن بەدەندىكى ئەرلىك ھورموننىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ .
ئەرلىك ھورمون كەمچىل بولۇشى تۇغما ھەم ناتۇغما دەپ ئىككى خىلگە ئايرىلىدۇ . تۇغما خىلدىكى ئەرلىك ھورمون كەمچىل بولۇش ھامىلدارلىق دەۋرىدىلا يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئادەتتە تۇغۇلغاندا بىلگىلى بولىدۇ . ناتۇغما خىلدىكى ئەرلىك ھورمون كەمچىل بولۇشى بەدەن ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقانلىقى ياكى بويالغۇچى تەنچە سېستىىسنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغانغا قەدەر ، زەكەر نورمال يېتىلمىگەن ، ئىككىلەمچى جىنس ئالامەتلىرى يېتىلمىگەن ئەھۋاللاردىن بايقىۋالغىلى بولىدۇ . لېكىن بۇ خىل تۈردىكى بىمارلار چوقۇم ياشلىق دەۋرى ئىچىدە داۋالانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئەگەر 20 ياش ئەتراپىدا بۇ ئەھۋالنى بايقاپ داۋالاشقا ئېلىپ كېلىنسە ، بۇ ۋاقىتتا بەدەننىڭ بۇ جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ پىشىپ بولغاچقا ، زەكەرنى يەنە ئۇزارتماقچى بولسا تەسكە توختايدۇ .
ئىككىنجى تۈردىكىلەر زەكىرى قىسقا ھەم كىچىك بولىدۇ . بۇنداقلار ھېسسىياتلىنىپ زەكىرى قاتقاندا ئادەتتە 5 CM دىن كىچىك بولۇپ ، جىنسىي تۇرمۇش قىلىشتا قىيلىنىدۇ . لېكىن ئۇرۇقداننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال ، ساقال ، جىنسى تۈكلەر قاتارلىق ئىككىلەمچى جىنس ئالامەتلىرى نورمال يېتىلگەن بولىدۇ . بۇخىل كېسەل تېخى بىر ئېنىق سەۋەبى تېپىلمىدى ، بەزەنلەر تۇغۇت مەزگىلىدىكى 6~9 ئاي ئەتراپىدىكى ھامىلىنىڭ ئەرلىك ھورمونى ناھايىتى ئاز بولغانلىقىنى بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبى دەپ قاراشماقتا . ئۈچىنجى تۈردىكىلەر سېمىزلەرنىڭ “ كىچىك زەكەر“ ئەھۋالىدۇر . بۇ ئەسلىدە بىر خىل خاتا كۆز قاراش ، چۈنكى سېمىز كىشىلەرنىڭ ئاستىنقى دوۋساق قىسمىدىكى تېرە ئىچىدىكى مايلار كۆپ بولغاچقا ، زەكەرنىڭ بىر قىسىمى ماينىڭ ئىچىدە كۆمۈلۈپ قېلىپ پەقەت بىر قىسمىلا سىرتتا كۆرۈنىدۇ ، باشقىلار بىر قاراپلا زەكىرى قىسقا كىچىككەن دەپ ئويلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس . ئەگەر زەكەر ئەتراپىدىكى تېرە مايلارنى ئارقىغا ئىتتەرسىلا ، زەكەرنىڭ پۈتۈن ئۇزۇنلىقىنى كۆرۈلۋالغىلى بولىدۇ . سېمىزلىك جىنسىي ئورگانلارنىڭ تولۇق تەگمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، زەكەرنىڭ قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي يولىغا تولۇق كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ قالىدۇ ، شۇڭا ئورۇقلاشنى تەشەببۇس قىلىمىز ، ياكى مەخسۇس دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ، ئالاھىدە ئورۇن ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولىدۇ .