ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

زەئىپى باھ

بۇ ھالەت (جىنىسي ئەزا) نىڭ تۇرماسىلقى ياكى تۇلۇق ھەركەتكە كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئىنساننىڭ جىنسىي قابىلىيتىگە دەخلى يېتىپ، نورمال جىنىسي تۇرمۇش ۋە نەسىل قالدۇرۇشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر. ئەرلىك جىنىسي قابىلىيەتنىڭ نورمال بولماسلىقى ئاساسىلىق مېڭە، جىگەر، تاناسىل ئەزا قاتارلىق ئەزالار خىزمىتىنىڭ نورمال بۇلۇش-بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
   سەۋەبى:
  1. تاناسىل ئەزا (ئالەت) نىڭ تۇغما كەمتۈك بولۇشى، ئۇرۇقداننىڭ يوق تۇغۇلۇشى ياكى ئۇنىڭ ئىككى چات كانال ئىچىگە ئورۇنلىشىپ قىلىشى ياكى تاشاق (ئۇرۇق بېزى) خالتىسىنىڭ ئىششىقى تۈپەيلىدىن تاشاق يىگىلەپ ۋە بەك كىچىكلەپ كېتىشى، تېرىسى قېلىنلاپ پىل تېرىسگە ئوخشاش قۇرۇلۇپ قېلىشى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن جىنىسي بەزلەرنىڭ خىزمىتى نورمال بولماسلىققا سەۋەب بولىدۇ.
   2 .بەل ئۇمۇرۇتقا ۋە سېزىم نېرۋېلىرى (ئەسەبلىرى) نىڭ زەخمىلىنىشى، مەسىلەن: پالەچ يۇلۇن زەخمىلىنىش ۋە يۇلۇن بېسىلىش قاتارلىقلارمۇ جىنىسي ئاجىزلىققا سەۋەب بولىدۇ.
   3. روھىي ئامىللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: بەزى جىنىسي ئاجىزلىقى بار بىمارلارنى تەكشۈرسە بەدەن تۈزۈلىشى، جىنىسي ئەزا ۋە ئەرلىك بەلگىلىرى، ئۇزۇقلىنىشى قاتارلىقلار نورمال بولسىمۇ، لېكىن بەل-پۇتلىرى تېلىپ ئاغىرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەبىي ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كىشلەردە جىنىسي تۇرمۇش ھەققىدىكى ساۋادنىڭ يېتەرسىز بولغاچقا ئەپسانە كىتاپلارنى كۆپ ئۇقۇش، بەزى سېرىق ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلاش تۈپەيلىدىن مېڭىسىدە قاتتىق  غىدىقلىنىش يۈز بېرىپ روھىي جەھەتتە ئارتۇقچە ئويلىنىش، غەم- ئەندىشە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىپ جىنىسي قابىلىيتنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋال بىمارنى روھىي جەھەتتىن ھاياجانلاندۇرۇپ، يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ ئاخىرى جىنىسي ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
   4. باشقا نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئادەتلىرى، ياش قۇرامى، سۇ، ھاۋا، ئوزۇقلىنىشنىڭ  نامۇۋاپىق بولۇشى، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملۇق ۋە يۇقۇمسىز  كېسەللىك بىلەن ئاغىرىش، بەك ئورۇقلاپ كېتىش، ئەپيۇنكەشلىك، ھاراقخورلۇق قاتارلىق ھەر خىل يامان ئادەتلەر ۋە ئىلگىرى جىنىسي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش ياكى ئۇزۇنغىچە جىنسي  ئالاقە قىلماسلىق، كۆپ ھاللاردا قول بىلەن لەززەتلىنىپ مەنى كەلتۈرۈش قاتارلىق يامان  ئاخىرى جىنىسي ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
   ئالامىتى:
  جىنىسي ئىنتىلىش تۆۋەلەيدۇ، ئالەت (زەكەر) نىڭ قوزغلىشى سۇسلايدۇ ياكى پۈتۈنلەي  يوقىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button