ئاياللار كېسەللىكى

دىلچىق چوڭىيىۋېلىش

بۇ دىلچىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭىيىپ كېتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭ تەبىئىي بولغىنى بەك ئۇزۇن ئەمەس، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە توسقۇنلۇق پەيدا قىلمايدۇ. لېكىن بەزى ئاياللاردا بۇ ئالاھىدە ئۇزۇن ۋە چوڭ بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئاياللار ئۇنى ئەرلەر تاناسىل ئەزالىرى ئورنىدا ئىككىنچى بىر ئايالغا ئىشلىتىدۇ. دىلچىق بۇنداق چوڭايغان ئاياللارنىڭ دىلچىقى ئىسسىقتا ئۇزىراپ سوغۇقتا قىسقىرايدۇ.

ئالامىتى:

دىلچىق ئۇزىراپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ، كېسەللىك ھالىتىدە يەرلىك ئورۇننىڭ رەڭگى قارامتۇل كۆكۈش رەڭلىك ۋە تېرىسى پارقىراق ياكى يىرىك بولۇپ قالىدۇ. تومۇرلار ئېسىلگەن ۋە قان بىلەن تولغان بولىدۇ. كۆپىنچە يەرلىك ئورۇندا قاتتىق قىچىشىش بولىدۇ، بەزىلەردە يەرلىك ئورۇندا سىبلىس زەخىملىرىمۇ شەكىللىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە قان ئېلىۋېتىش لازىم.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى بېرىش.

لازا، ئاچچىقسۇ، تۇخۇم كالا گۆشىدىن پەرھىز قىلىش لازىم.

ئەگەر يۇقىرىقى داۋالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق دىلچىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button