ئاياللار كېسەللىكى

جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى

بۈگۈنكى كۈندە، فىزىئولوگىيەلىك ئامىل، ئىجتىمائىي ئورۇن، ئىقتىسادىي شارائىت قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەيلى ئەيدىز ۋەياكى باشقا جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولسۇن ئاياللار بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ قالماقتا. بولۇپمۇ دىيارىمىزدا، سەھرا-قىشلاقلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز مەدەنىيەت سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش، بۇ ھەقتىكى ساۋاتلاردىن چورتلا خەۋرى بولماسلىق، تورمۇش شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي يولدىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە تېخىمۇ ئېغىر ئۇچرىماقتا. خوش ئۇنداقتا، جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى قايسى ؟

جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللار تەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى

جىنسىي كېسەل سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى ( 尿道炎 )، جىنسىي يول ياللۇغى ( 阴道炎 )، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى ( 宫颈炎 )، سوزۇلما خارەكتېرلىك تۆۋەنكى قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكنى پەيدا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سىفلىس ( 梅毒 ) نى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، يۈرەك ۋە نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولسىمۇ، دىققەت قىلمىغاندا، قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئاياللار جىنسىي كېسەللىككە گىرىپدار بولسا، ئەيدىز (AIDS) نى يۇقتۇرىۋېلىش خەۋپى ئارتىپ، ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button