بالىياتقۇ چۇقۇقى
بۇ كېسەلدە قورساقنىڭ ئىچكى پەردىسى مەلۇم بىر ئورۇندىن يېرىلىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يېرىلغان جايدىن ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمى سىرتقا چىقىۋالىدۇ. بۇ كېسەل كۆپرەك ئەرلەردە كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: قورساق دىۋارىنىڭ ئاجىزلىقى، يەرلىك ئورۇنغا ھۆللۈكنىڭ تەسىر قىلىشى، قورساق بوشلۇقىنىڭ ئاجىزلىقى، دائىم كۈچەپ يۆتىلىش ۋە قەۋزىيەت، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، قاتتىق كۈچەش، كەمەرنى قاتتىق باغلاش، ھاجەت ۋاقتىدا قاتتىق ئىنجىقلاش، قاتتىق توۋلاش، قورساق ئىچكى بېسىمنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەر، ھەزىمنىڭ ئاجىزلىقى بۇ كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى: جىنسىي ئەزانىڭ لېۋى ياكى يېرىقتا كۆتۈرۈلىشى مەلۇم بولىدۇ. باسسا ئۈستىگە چىقىپ كېتىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن كورىلدىغان ئاۋاز چىقىدۇ. كېسەل ئايال بالىياتقۇ چىقىپ كەتلىكى قوپتى دەپ گۇمان قىلىدۇ. بۇ غەيرىي تەبئىي كۆتۈرۈلۈش كۆپىنچە ئۆرە تۇرغاندا، مېڭىش- تۇرۇشتا ئېغىرچىلىق تۇغدۇرىدۇ. ياتقاندا يوقىلىپ كېتىدۇ،
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىنى ئىنىقلاپ سەۋەبىگگ قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
1.رېتسېپ: زەنجىۋىل، زىرە، جۇۋىنە، سەمغى ئەرەبى، كۇندۇرلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقىغا ئېلەشتۈرۈپ، كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرار چېپىپ بەرگەندە چوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ
2.رېتسېپ: زىرە، زەنجىۋىل، پىلپىل، بەدىيان، ئىگىر ۋە دارچىنلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ھۆللۈكنى يوقىتىپ قۇرۇيدۇ.
3.رېتسىپ: زەپە، سۇماق ۋە زەمچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، دېزىنفىكسىيەلەنگەن سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم، بالىياتقۇغا شامچە قىلىپ سېلىنسا ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، قورۇيدۇ.
4.رېتسېپ: جوزمۇ قاتىل ۋە قەلەمپۇردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلىپ بېرىلسە، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كالا گۆشى قاتارلىقلارنى كەم ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. قوش گۆشى دۈمبىسى بىلەن شويلا ئاش قىلىپ بېرىلىدۇ.
يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن ۋە ئېغىر ھەرىكەتلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.