بالىياتقۇ قىچىشىش
بۇ بالىياتقۇدا بىر خىل يېقىملىق قىچىشىش سېزىمى پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا ئايال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىزار بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەنمۇ قىچىشىش پەسەيمەيدۇ.
سەۋەبى:
بۇ ئاساسلىقى سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بالىياتقۇ بوينىدا ياكى بالىياتقۇ ئېغىزىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇنىڭدەك سىرتقى جخنسىي ئەزا قىسمىدىمۇ كۆرۈلىدۇ، بەزىدە سىرتقى جىنسىي ئەزاغا يوقۇپ تارقىلىشى مۇمكىن.
ئالامىتى:
بالىياتقۇ بوينىددا بولسا تەكشۈرۈپ كۆرگەندە قاسراقسىمان تەمرەتكە بارلىقى بىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەيز كەلسە، قاتتىق قىچىشىدۇ، ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ، ھەيز قېنى قىزىق بىلىنىدۇ ھەم ئاغرىتىپ كېلىدۇ. ئەگەر سىرتقى جىنسىي ئەزادا پەيدا بولسا ئىككى تەرەپ جىنسىي لەۋلەردە پەيدا بولىدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى قاسىراقلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئۆتكۈر سەپرا ماددىسىدىن بولسا، كېسەلنىڭ ئۇسسۇزلۇقى كۆپ، ئېغىزنىڭ تەمى ئاچچىق، تومۇرى ئىنچىكە تېز سالىدۇ، رەڭگى سېرىققا مايىل بولىدۇ، تىلى، كۆزنىڭ ئېقى، سۈيدۈك رەڭگى سېرىق بولىدۇ، قىچىشىش ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ.
ئەگەر قاتتىق بەلغىمى شوردىن بولسا ئېغىز تەمى تۇزلۇق، يالغان ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ، قىچىشىش قاتتىق بولمايدۇ. سۈيدۈكى رەڭلىك ۋە رەڭسىز ئىككى خىل بولىدۇ. ئەگەر سەۋدا ماددىسىدىن بولسا، كېسەلنىڭ ئۇيقۇسى كەم، ئاچچىقى يامان بولىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا سالىدۇ، خيالپەرەس، سۈيدۈكى خام گۆش يۇغان سۇنىڭ رەڭگىدە كېلىدۇ، چىرايى كۆكۈش بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
لازا، ئاچچىقسۇ، قىيمىلىق تاماق، ھوردا پىشۇرۇلغان نان ۋە سوغۇق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.