ئاياللار كېسەللىكى

بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى ۋە ئۇنى داۋالاش

بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟
بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى كېسەللىك قوزغىلىشىنىڭ تېز-ئاستىلىقىغا ئاساسەن جىددىي خاراكتېرلىك ۋە ئاستا خاراكتېرلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى خىل كېسەللىك ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بىرىنچى، جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى داۋالاش ئۇسۇلى
جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى يىنىك قىزىش، بەل ئاستى قىسمى ئاغرىش، ئاق خون قان ئارىلاش كېلىش ھەمدە بەتبوي پۇراق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ئۇ ئىچكى قىسىمغا تەرەققىي قىلىپ، بالىياتقۇ مۇسكۇلى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەتتا ئېغىر بولغاندا سېپتىتسېمىيە (败血症) نى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغىنى داۋالاشتا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن بالا ھەمراھى قالدۇقلىرىنى تازىلاش؛ بالىياتقۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغۇچنى ئېلىۋېتىش؛ بالىياتقۇ ئۆسمىسى بولسا ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىپ ئېلىۋېتىش. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانتىبىئوتىك (抗生素) دورىلارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن گېنتامىتسىن (庆大霉素)، كانامىتسىن (卡那霉素)، مېترونىدازول (灭滴灵) قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك. ئومۇمەن ھەر قېتىم 60~80 مىللىگرام، ھەر 8 سائەتتە بىر قېتىمدىن گېنتامىتسىن سېلىش ھەمدە ھەر قېتىمدا 0.4 گرام، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن مېترونىدازول ئىچىپ بەرسە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى داۋالاش ئۇسۇلى
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىدىن كېلىپ چىققاندىن سىرت، يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئەتراپقا تارىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بالىياتقۇ ئىچكىگە ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇغقاندا ياكى بالا چۈشۈرگەندە ئاز مىقداردا بالا ھەمىراھى قالدۇقلىرىنىڭ پاكىزە تازىلانماسلىقى قاتارلىقلارمۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز توختىغان ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئازىيىشى بالىياتقۇ پەردىسى ۋە جىنسىي يول ئىچكى پەردىسىنى نىپىزلىتىۋېتىۋەتكەنلىكتىن، ئاسانلا باكتېرىيەنىڭ زەربىسىگە ئۇچىراپ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىياتقۇ پەردە ئاستى ئۆسمىسى، شىللىق پەردە ئۆسۈكچە گۆشلەرمۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button