ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قېلىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى
بەزى ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تالغاندەك ئاغرىغانلىقىنى سەزسىمۇ ، باشقىچە ئەھۋاللار كۆرۇلمىگەچكە،ئادەتتە دوختۇرغا بېرىپ كۆرۇنمەيدۇ، ئۇلار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ۋە تالغاندەك ئاغرىغانلىقىنىڭ ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قالغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيدۇ. بەزى ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قېلىش كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا ھەتتا كېسەللىكتە ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قېلىش كېسەللىكى ئەمچەك بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ %75 كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كېسەللىك ئەمچەك بېزى كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ بولغان ھەر قانداق ياشتىكى ئاياللاردا كۆرىلىدۇ.
ئەمچەك بېزىدە مۇنەك ھاسىل بولۇش، ئەمچەك بېزى ئاغرىش-بۇ كېسەلللىكنىڭ كېلىنكىدىكى ئاساسلىق ئىپادىسى بولۇپ ،بۇنداق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تەخمىنەن %80نىڭ ئەمچىكى ئاغرىيدۇ، كۆپىنچىسىنىڭ ئىككىلا ئەمچىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىر ئەمچىكى ئاغرىيدۇ، خاراكتېرى جەھەتتىن چىڭقىلىپ ئاغرىش، سانچىلىپ ئاغرىش، بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىش ياكى بىرەر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئاغرىش قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. ئەمچەك ئاغرىشنىڭ ئىپادىلىرى مۇقىم بولمايدۇ. ھەيىز كېلىشتىن ئىلگىرى ئەمچەكنىڭ ئاغرىش كۇچىيدۇ. شۇنداقلا كەيپىياتتا ئۆزگىرىش بولغاندا ھېرىپ چارچىغاندا، يەنە ھاۋادا ئۆزگىرىش بولغاندىمۇ، ئەمچەكنىڭ ئاغرىشى كۇچىيدۇ. ئەمچەكتىكى مۇنەك ئەمچەك بېزى كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى مۇھىم ئاساس ھىسابلىنىدۇ. مۇنەكنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ ئۇرۇندا پەيدا بولىدىغان مۇنەك بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇنەك چىڭ بولۇپ تېرىگە يېپىشمايدۇ. مۇنەكنىڭ يۇزى يېرىك بولۇپ تەگسە دانىچە ئۇرۇنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن سىرىت، قىسمەن بىمارلاردا يەنە ئەمچەك تۇگمىسى قىچىشش، سۇيۇقلۇق ئېقىش ھەمدە ئېغىزى قۇرۇش، دىمى سىقىلىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ھەيىز قالايمىقانلىشش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.