ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

ئەرلەردىكى تۇغماسلىق

ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ناھايتى كۆپ بولۇپ ئەرلەر كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيسى ۋە فىزولوگىيەسى جىنسى ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيسى ۋە نېرۋا سىستىمىسى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.

 خاراكتىرىنىڭ ئوخسشىماسلىقىغا ئاساسەن 3تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1.   ئۇرۇقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە پىشىپ يىتىلىشى توسقۇنللۇققا ئۇچراش (ئۇرۇقنىڭ سانى ،ھايات قىلىش نىسبىتى، ھاياتى كۈچى، شەكلى قاتارلىقلاردىكى نۇرمالسىزلىق) بۇ ئۇرۇقداننىڭ يىتىلىشى  ۋە ھىپوپىز تەنچىسى ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2.  ئۇرۇقنىڭ چىقىرىش يوللىرى تۇسۇلۇش تۇغما ياكى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قىلىش (ئۇرۇقدان يالۇغى ،سىلى ،ئۆسمە)

3.  ئۇرۇقنىڭ ئورۇنلىششى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ( مەنىى چىقىرالماسلىق، سىرتقى جىنسى ئەزا غەيرىلىكى، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ۋە بىرقىسىم روھى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسى ئاجىزلىق )

4.      قوشۇمچە جىنسى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىق مەزى بىزى ياللۇغى .

ئەرلەر جىنسى ئەزا كىسەللىكى

1.      زەكەرنىڭ نۇرمالسىز قايىم بولىشى

2.  جىنسى ئەزا، جىنسى بەز، ۋە قوشۇمچە جىنسى بەزلەرنىڭ ياللۇغى (مەزى بىزى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتا ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۆسمە

3.     ئەرلىك جىنسى ئەزالارنىڭ تۇغما ۋە تۇغۇلغاندىن كىينكى ھەرخىل زەخمىلنىشلىرى…

 ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ يۇقارقى كىسەللىكلەرنى  تونۇش ۋە داۋالاشتىكى ئالاھىدىلكى ۋە ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇپ،  نەچچە ئەسىرداۋاملىشىپ كەلگەن بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن قەدىمى مىراسلار تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئەرلىك كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزىلىشى :

ئەرلەر كۆپىيش سىستىما ئەزالىرى ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى ۋە سىرىتقى كۆپىيش ئەزالىرى (تاش خالتىسى ۋە زەكەر ) دەپ  2 تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى –ئۇرۇقدان، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە قوشۇمچە جىنسى بەز ( ئۇرۇق خالتا بىزى، مەزى بىزى، سۈيدۈك يولى شارچە بىزى) قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇرۇقدان ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا. ئۇرۇقدان ئىشلەپ چىقارغان ئۇرۇق ئالدى بىلەن قوشۇمچە ئۇرۇق بىزىدە ساقلىنىپ مەنى ئىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە سۈيدۈك يولىدىن سىرىتقا چىقىرلىدۇ. ئۇرۇقدانغا ناھايتى كۆپ نېرۋىلار تارقالغان ،ئۇندىن باشقا مەركىزى نېرۋا سىستىمىسى تۆۋەنكى دوڭچە مىڭە قويۇپ بەرگەن مىڭە ھىپوپىز تەنچىسى ئاجىرتىپ چىقارغان جىنسى ھورمۇننىڭ ئاجىرلىشىنى ئىلگىر سۈرگۈچى ھورمۇننىڭ كونتىروللىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.    ئۇرۇق خالتا بىزى ، مەزى بىزى ۋە سۈيدۈك يولى شارچە بىزى ئاجىرتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقلار مەنى سۇيۇقلىقىنى شەكىللەندۈرۈشكە قاتنىشپ ئۇرۇقنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. . مەزى بىزى بولسا بەز توقۇلمىسى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن مەنئى سۇيۇقلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان مەزى بىزى سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا بولۇپ، دوۋسۇن ئاستغا جايلاشقان .سۈيدۈك يولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. نورمال ئەھۋالدا بىرقىتىمدا ئىتىپ چىقارغان مەنئى  سۇيۇقلىقى 2.5م ل بولۇپ ھەر 1م ل مەنئى تەركىۋىدە 10مىلىيوندىن 200مىلىيون غىچە ئۇرۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ چۆگۈن قوساق قىسمىغا يىتىپ بارالايدىغىنى 200دىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ. ئۇرۇقنىڭ سانى 5مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلىقچە ھامىلدار بولمايدۇ. 2 مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئەرلىك تۇغماسلىق كىسىلى ئىپادىلىنىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button