ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق

ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلى ئەرلەر كېسەللىكلىرى دائىرىسىدىكى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم تېمىسىدىن ئىبارەت.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WTO)نىڭ يولغا قويغان ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، توي قىلغاندىن كېيىن ئەر-ئايال بىرگە تۇرۇپ ھىچقانداق تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماي بىر يىلدىن ئارتۇق ئىچىدە پەرزەنت كۆرەلمىسە يەنى ئەر تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن پەرزەنت كۆرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلى دەپ قارىلىدۇ.

              چەتئەللەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەرقايسى جايلاردىكى بالا تاپالماسلى كېسىلىنىڭ بايقىلىش پەرقى ئىنتايىن چوڭ(45%~5گىچە) بولۇپ، ئامېرىكىدا %15، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەردىكى ئامىللار سەۋەبىدىن بولغىنى %30، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن بولغىنى%20 ئىكەن.دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە بالا تاپالماسلىق كىسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتا، توي قىلغاندىن كېيىن 2يىلغىچە بالا تاپالماسلىقنى ئۆلچەم قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە 259325جۈپ ئەر-ئايالنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بىر يىل ئىچىدە ھامىلدار بولۇش نىسبىتى%89.68؛ ئۈچ يىل ئىچىدە ھامىلدار بولۇش نىسبىتى%93.18 ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇنىڭدىن دۆلىتىمىزدىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنىڭ بايقىلىش نىسبىتى چەت ئەللەردىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. شۇنداقلا خېنەندىكى پەرزەنتلىك بولالماسىلىق نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %49.5 ۋە %46.42 ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.


              ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنىڭ دىئاگنوزى:ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە ئۇرۇق پلازمىسىنىڭ فىزىكىلى ۋە خېمىيىلىك تەركىبىنى ئانالىز قىلىش، ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۇسۇلدىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەملىكىتىمىزدە ئېلىكتىرونلۇق ئەسۋابلار بىلەن ئىپېرما سۇيۇقلۇقىدىن تېخىمۇ توغرا ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل باھا بېرىش ئۇسۇللىرى يولغا قويۇلۇپ، شۇنداقلا ئۇرۇق پلازمىسىدىكى سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمون، LOHسىمان فېرمېنتى، ئۇروكىنازا، ئۇرۇق ھۈجەيرىسى سىرتقى پوستى ماي ماددىسىنىڭ قوش ئوكسىدلىق رېئاكسىيىسى ۋە ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىدىكى لىمفا ھۈجەيرىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئوخشاشمىغان ئۇرۇقلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۇرۇق پلازمىسىنىڭ فىزىكىلىق، خېمىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى مۆلچەرلەش ئىشلىرى يولغا قويۇلماقتا.


              جىنسىي ئەزالار سېستىمىسىدىكى خلامىدىيىلىك ۋە مىكوپلازمىلىق يۇقۇملىنىشلار ئۇرۇق ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندە ئىممۇنىتلىق ئىنكاس قوزغاپ، ئۇرۇققا قارشى ئانتىتېلانى پەيدا قىلىدىغانلىقى تەتقىق قىلىپ چىقىلدى.


              ئۇرۇق بېغىش ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيشىمۇ پەرزەنتلىك بولالماسلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىغاندا، جىنسىي قابىليەتنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىشىدىن بولغىنى%12.2دىن %32.3كىچە؛ ئۇرۇق بېغىش ۋىناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيشىدىن بولغىنى %11.3دىن %38.6كىچە؛ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن بولغىنى%20.5دىن %44.5كىچە؛ ئىممۇنىتلىق سەۋەبىدىن بولغىنى %1.3دىن %10.2كىچە؛ يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك كېسەللەر سەۋەبىدىن بولغىنى %3.5دىن 13.7كىچە؛ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكىدىن بولغىنى %1.9دىن %4.1كىچە؛ سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلىرى%7.3دىن %9.7كىچە بولغان.


              داۋالاش ئۇسۇللىرى: ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنىڭ دىئاگنوزى ئېنىقلانغاندىن كېيىن،دىئاگنوز قويۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. جىنسىي ئەزالار سىستېمىسىدىكى يۇقۇملىنىش ئالاھىدە ۋە ئادەتتىكى يۇقۇنلىنىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھازىر خلامىدىيىلىك ۋە مىكوپلازمىلىق يۇقۇملىنىشقا بولغان تونۇش بىر قەدەر ئىلگىرلەپ، يۇقۇملىنىشقا بولغان تونۇش بىر قەدەر ئىلگىرىلەپ، يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بالا تاپالمىغان بىمارلارنى داۋالىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى %20گە يەتكەن. ئىممۇنىتلىق سەۋەبىدىن بالا تاپالمىغانلارغا ئىممۇنىت تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشمەكتە.
              ئەرلەر جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بولغانلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى داۋالاش زۆرۈر. ئوپېراتسىيە ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ۋە جىنسىي ئەزا يوللىرى توشۇلۇشتىن بولغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. پىروبىركىدا تۆرەلمە يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇخۇم نەيچىسى راۋان بولمىغان ئاياللار ۋە ئۇرۇق سانى ئالاھىدە ئاز بولغان ئەرلەر ئۈچۈن نىجاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button