ئەرلەر كېسەللىكى

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

  دائىم ساڭناغا كىرىپ يۇيۇنۇش  。1

ئۇرۇق ئادەتتە 35-34 گرادۇسلۇق مۇھىتتا نورمال يېتىلەلەيدۇ. ھالبۇكى، ساڭنانىڭ تېمپېراتۇرىسى بۇ چەكتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.

  دائىم يان تېلېفون ئىشلىتىش 。 2

گەرچە بۇ خىل يەكۈن تېخى تولۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۇزاق ۋاقىت دائىم يان تېلېفون ئىشلەتكەن ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئىشلەتمەيدىغانلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ.

   ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش 。 3

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم تاماكا چېكىدىغان ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىق نىسبىتى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 3 ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن.

ئىسپىرتتىن ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلەنگەنلەردە ئۇرۇقدان (تاشاق) يىگىلەش كۆرۈلۈپ، مەنى سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 تار ئىشتان كېيىش  .4

پادىچىلار ئىشتىنىغا ئوخشاش تار ئىشتانلار ئۇرۇقداننىڭ ئۆرلىتىپ، ئۇرۇقدان ئىچىدىكى قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىنى چەكلەپ، ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە ساقلىنىشىغا تېمپېراتۇرىسىنى توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

 ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەش . 5

ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ مەنىسىدىكى ئۇرۇق سانى سەل ئازراق، غەيرى شەكىلدىكى ئۇرۇقلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. چۈنكى، ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا ئۇرۇقداننىڭ ھارارىتى ئېشىپ، ئۇرۇق سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بەلكىم كەسپىي شوپۇرلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button