ئاياللار كېسەللىكى

ئەتىيازدا تېرىڭىزگە كۆپرەك سۇ تولۇقلاڭ

ئەتىياز پەسلىدىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تېرە قۇرغاق ۋە يىرىك بولۇپ، ئاسان يېرىلىدىغان ۋە قانايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە تېرىگە سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، خانىم-قىزلار ئاساسلىق ئۇزۇقلۇقق ۋە نەملىك تەركىبىنى ئاساس قىلغان تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، تېرىگە سۇ تولۇقلاپ بېرىشى لازىم. ئەتىيازدا ئاياللار قىشتىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە، تېرىگە ئەكىس تەسىر بېرىپ، ئۇششاق دانىخورەك چىقىدىغان، تېرە قۇرغاقلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن. شۇڭلاشقا ئاياللار ئەتىيازدا سۇ مىقدارى كۆپ بولغان نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلىتىشى، بۇنىڭدىن سىرت، يېمەكلىك جەھەتتىمۇ تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول يېمەكلىكلەر، كۆكتات شورپىلىرى ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى، سامساق، پىياز ۋە قىزىلمۇچ قاتارلىق پەللىك كۆكتاتلارنى ئازراق .ئىسېمال قىلىشى كېرەك ئىكەن

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button