ئۇيقۇ ۋە ئەرلەردىكى سېمىزلىك
ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىكى سەمىرىپ كېتىش ھادىسىسى ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.چىكاگو ئونۋېرستتىتى تەتقىقاتچىلىرى 13 ياشتىن83 ياشقىچە بولغان 149 ساغلام ئەرنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالىنى تەكشۇرگەن.
تەكشۇرۇش نەتىجىسىدەكۆرسىتىلشىچە ،بۇ ئەرلەرنىڭ 35 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيقۇسى ئاساسېي جەھەتتىن مۇقىم بولغان،لېكىن قېنىپ ئۇخلاش ۋاقتى بەكلا ئازىيېپ كەتكەن .25 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ قېنىپ ئۇخلاش ۋاختى ئادەتتە ئومۇمى ئۇخلاش ۋاختىنىڭ 25% ىنى ئىگەللەيدىكەن.يېشى 35 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ قېنىپ ئۇخلاش ۋاختى 5% نىلا ئىگەللەيدىكەن .يېشى45 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر قېنىپ ئۇخلاش ۋاختىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىدېكەن.
ئەرلەر 50 ياشتىن كېيىن ،ئومۇمى ئۇخلاش ۋاختى ھەر 10 يىلدا تەخمىنەن 27 مىنۇت قىسقىراي- دىكەن .شۇ سەۋەپتىن ،ئۇلار دائىم كېچىسى ئويغۇنۇپ كېتىدېكەن ھەمدە ئويغانغاندىن كېيىن -كى سەگەك ۋاختى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇزىراپ بارىدېكەن.