ئۇرۇق ئاجىزلىقنى غەرب تېبابىتى بويىچە داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى
ئەرلەر مەنىي چىقارغاندىن كېيىن، مەنىي تەركبىدىكى ھاياتى كۈچى بار بولغان ئۇرۇقلار %70 دىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھاياتى كۈچى بار بولغان ئۇرۇقلار %50 گە يەتمىسە بىنورمال ھېسابلىنىپ، ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىش كۈچى ئاجىزلىق ، يەنى ئۇرۇق ئاجىزلىق (弱精症) دەپ، قارىلىدۇ. ئەگەر ئۇرۇقنىڭ پەقەت ھاياتى كۈچى بولمىسا، ئۇرۇق ئۆلۈك بولغان بولىدۇ. مەيلى ئۇرۇق ئاجىز بولسۇن ۋەياكى ئۆلۈك بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق (تۇغماسلىق) نى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرۇق ئاجىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئىممۇنىتېت ئامىلى، ئىچكى ئاجراتما ئامىلى، ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىش ۋە مەنىي سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ كېتىش قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
ئۇرۇق ئاجىزلىقنى غەرب تېبابەتچىلىكىدە داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى
1. ئادەتتىكى داۋالاش
تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، زىيادە ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، زىيادە چارچىماسلىق.
(1) تەركىبىدە كۆپلىگەن مىكرو ئېلمېنتلار بولغان 金施尔康 دورىسىدىن كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 تالدىن ئستېمال قىلىش.
(2) ئىسپېرما مېتابولىزمىغا قاتنىشىدىغان ATP نىڭ ئىچىشكە بېرىلىدىغان ھەر تابلېتى mg 20بولغان دورىسىدىن كۈنىگە 3 ۋاق، ھەر قېتىمدا 2 تالدىن ئىستېمال قىلىش.
(3) ۋىتامىن E دىن كۈنىگە 1 ۋاق، ھەر قېتىمدا 1 تال (mg 1. 0) دىن ئىستېمال قىلىش.
2. كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش
(1) ئۇرۇقدان(تاشاق)، قوشۇمچە ئۇرۇقدان، مەزى بېزى، ئۇرۇق خالتىسى، ئۇرۇق نەيچىسى قاتارلىق كۆپىيىش سىستېمىسى ئەزالىرىدا ياللۇغلىنىش بولسا، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بىلەن ياللۇغقا قارشى داۋالاش كېرەك. داۋالاشتا ياللۇغ پەيدا قىلغۇچى كېسەللىك مەنبەسىنى باكتېرىيە يېتىشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاندىن دورىغا قارىتا سەزگۈرلۈك سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇناسىپ ياللۇغقا قارشى دورىسىنى تاللاپ ياكى بىرقانچە خىل دورىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش كېرەك.
ئۇنداقتا، ئۇرۇق ئاجىزلىق كېسىلىگە شىپا بولغۇچى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟
تۆۋەندە ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ۋە ئىشلىتىلىش ئۆلچىمى پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى. (2) مەنىي سۇيۇقلۇقى ياخشى بولمىغانلارغا قارىتا كۆپ مىقداردا ۋىتامىن cدىن كۈنىگە 3 ۋاق، ھەر قېتىمدا 1 – 0.6 گىرامغىچە، ئۇدا 2 ھەپتە بېرىشكە بولىدۇ.
(3) ئىسپېرمىغا قارشى ئانتىتېلا مۇسبەت چىققۇچىلارنى ئىممۇنىتېتنى تېزگىنلىگۈچى دورىلارنى بېرىپ داۋالاشقا بولىدۇ.
(4) ئۇرۇقدان بېغىش ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كۆپىۋالغان بىمارلارنى ئوپېراتسىيىلىك داۋالاش كېرەك.
(5) كۆپىيىش ھورمونلىرى بىنورمال بولغۇچىلارغا ھورمونلۇق داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.