ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللىق ھورمۇننىڭ فىزولوگىيسى

1-ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻫﻮﺭﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺭﯗﻟﻰ
(1) ﺗﯘﺧﯘﻡ ﭘﯜﯞﻩﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.
(2) ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﻣﻮﺳﻜﯘﻟﯩﻨﯩﯔﺋﻮﻛﺴﯩﺘﻮﻛﺴﯩﻨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﺑﯘﻳﯘﻥ ﻛﺎﻧﯩﻠﻰ ﺷﯩﻠﯩﻤﺸﯩﻖ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯘﭼﺎﻳﺘﯩﭗ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﻰﺷﺎﻻﯕﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻳﺪﯗ. ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﯘﺷﯘﺵ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺭﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯘﭼﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.
(3) ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭙﺘﯩﻠﯩﻴﻪ ﻫﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺋﯜﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﯜﯗﮔﯜﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻫﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰﮔﯩﻠﯩﻜﻮﮔﯩﻨﻨﻰ ﻛﯘﭼﺎﻳﺘﯩﭗ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ.
(4) ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﺎﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﺗﯜﮔﻤﯩﺴﻰ، ﺗﯜﮔﻤﻪﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﺭﻩﯕﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﺗﯘﻗﯘﻟﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻍ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺳﯜﺕﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺯﻻﻳﺪﯗ.
(5) ﺩﯗﯕﭽﻪ ﻣﯩﯖﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﯞﻩ ﻫﯩﭙﻮﭘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎﺭﻣﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﻪﯕﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﺗﯜﺭ  ﻗﺎﻳﺘﺎﺭﻣﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
(6) ﺳﯘ ﯞﻩ ﻧﺎﺗﯩﺮﯨﻴﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺳﯜﯕﻪﻛﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﻫﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻫﻮﺭﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺭﯗﻟﻰ:-
(1)ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﺋﯩﭽﻜﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﯜﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ، ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯘﻟﯘﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰﯞﻩ ﺑﺎﻻ ﻫﻪﻣﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.(2) ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﻰﺋﯩﭽﻜﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻠﯩﻤﺸﯩﻖ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺧﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺯﻻﻳﺪﯗ. ﻫﻪﻣﺪﻩﻗﯘﻳﯘﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ.(3) ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﯘﺷﯘﺵ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻟﯚﻣﯜﻟﺪﯨﻤﻪ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺯﻻﻳﺪﯗ.(4) ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰﺗﯜﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.(5) ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﺑﯧﺰﻯ ﭘﯜﯞﻩﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.(6) ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻗﯩﺰ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻥﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺭﻟﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺍ℃0.5-0.3ﻗﯩﭽﻪﻳﯘﻗﯩﺮﻻﻳﺪﯗ.


  ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯨﺸﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻫﯧﻴﺰ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻧﻨﯩﯔﺩﻩﯞﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯨﺸﻰ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﭘﯜﯞﻩﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﺗﯘﺧﯘﻡ ﭘﯜﯞﻩﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺗﯘﺧﯘﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻧﻪﻳﭽﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯩﮕﯩﻠﯩﺸﻰﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﻚ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button