ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئىچىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىچىملىكلەر

سۈت مەھسۇلاتلىرى: كالا سۈتى قاتارلىق پىشلاق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ھەيزنى ئاغرىتىپ كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيز مەزگىلىدە ئاياللار ھەرگىز سۈت تۇرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى كېرەك.

  چاي: قېنىق چاي تەركىبىدە قەھۋەنىڭ مىقدارى  ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ بىۋاسىتە نېرۋا ۋە يۈرەك قان تومۇرنى غىدىقلاپ، ھەيز كېلىشنى تېزلىتىپ، ھەيز كېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ ۋە قان كۆپ چىقىپ كېتىدۇ.

  گازلىق سۇ: گازلىق ئىچىملىككە بەك ئامراق ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە روھسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى گازلىق سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە فوسفات كىسلاتا تۇزى بار بولۇپ، بەدەندە خىمىيىلىك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەسلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم گازلىق سۇنىڭ تەركىبىدە ناترىي گىدرو كاربۇنات ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەمدە ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  قەھۋە تەركىبى بار ئىچىملىك: كۆكسى ئاغرىش، تەشۋىشلىنىش، تۇراقسىز كەيپىيات پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى ۋىتامىن Bنى خورىتىپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مېتابولىزمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button