ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللار نورمىدىن ئارتۇق كالتسىي تۇلۇقلىشى ۋە يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئارتىپ كىتىشى

چەتئەل سىستېمىلىرىنىڭ 4-ئانىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شۇ كۈنى چىقىرىلغان ”ئەنگلىيە تېببى ژۇرنىلى“ دا ئېلان قىلىشچە، يىلىك ماددىسىنىڭ ئازلاپ كىتىشى ۋە ئاياللارنىڭ كۆپ مىقداردا كالتسىي تۇلۇقلىشى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئارتىپ كىتىشى خەۋىپىنى ئاشۇرغان. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىشىچە، شىنشىلەن ئاۋ كىلەن(新西兰奥克兰) ئۇنىۋېرسىتى تېببى ئىلمى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ پروفېسسور يىئىن لېيدې(伊思雷德) پروفېسسورنىڭ كۆرسىتىشچە، ھازىرغىچە قانچىلىك مىقداردا كالتسىي تۇلۇقلاش تېخى ئېنىق ئەمەسكەن. كالتسىي تۇلۇقلاش جەھەتتە، يېمەكلىك بىلەن كالتسىي تۇلۇقلاش دورا بىلەن كالتسىي تۇلۇقلىغانغا قارىغاندا خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. دورا ئارقىلىق كالتسىي تۇلۇقلاشنىڭ زىيانلىق تەرىپى پايدىلىق تەرىپىدىن كۆپ ئىكەن. يېمەكلىك ئارقىلىق كالتسىي تۇلۇقلاش يۈرەك كېسىلى خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئامالنىڭ بارىچە يېمەكلىك ئارقىلىق كالتسىي تۇلۇقلاش كېرەك. تەتقىقاتچىلارنىڭ يېڭىچە نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى 16718 ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن پەقەت كالتسىي تۇلۇقلاپ، ۋىتامىن D تۇلۇقلىمىغاندا ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى نىسبىتى%31__%27 ئاشقان. شامالداراپ قېلىش خەۋىپى %20__%15 ئاشقان. بىرلا ۋاقىتتا كالتسىي ۋە ۋىتامىن D تولۇقلىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى خەۋىپى %22__%13 ئاشقان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېرىمدىن ئارتۇق ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدىن ئارتۇق كالتسىي تولۇقلىغان. بۇ يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب. بۇنىڭدىن باشقا، كالتسىي بىلەن قان تومۇرلار قېتىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ زىچ بۇلۇشىمۇ ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن. لېكىن بۇ تەتقىقات نەتىجىسى تېخى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان بولۇپ ،داۋاملىق تۈردە تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button