ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك 9خىل كىسەللىك ئالامەتلىرى
بەل ئاغرىقى ؛بۇ دۇۋساق ياكى قۇشۇمچە ئەزا يالۇقۇنىڭ ئالامىتى بۇلىشى مۇمكىن .بۇ خىل ئەھۋالدا قان بىلەن سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش ،ئەگەر زۆرۆر بۇلسا دۇۋساق ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش لازىم .ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتە سۇنى كۆپ ئېچىپ بېرىش تەركىبىدە ئاچچىق ۋە خوشپۇراق ماددىلدر بار يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق ،كىسەللىك ئالامىتى ئېغىر بۇلسا يالۇق قايتۇرۇش،اىزىكىلىق ئوسۇلدا داۋالىتىش لازىم. ئۆز خاراكتىرىگە ماس بۇلمىغان ئاچچىقلىنىش ۋە ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈنمۇ يىغلاش: بۇ خىل ئەھۋالدا قالقانسىمان بەزنى تەكشۇرتۇپ كۇرۇش .مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى قالقانسىمان بەز ھۇرمۇننىڭ نۇرمالسىزلىقىغا نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر بۇلۇپ،بۇنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئاسان ھاياجانلىنىش ،ئاسان ئاچچىقلاش ،ئاسان يىغلاش ،ئۇيقۇسىزلىق ،ئىشتىھا تۇتۇلۇپ ئۇرۇقلاپ كېتىش،ئادەت قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بۇلدۇ. دائىم باش قېيىش: بۇ خىل ئەھۋالدا قان بېسىمنى تەكشۈرتۈش كېرەك .ھەر قانداق ياشتىكى كىشىنىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلىك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى بار بۇلۇپ ،ئاياللاردا ئادەتتە 35ياشتىن 40ياشقىچە بۇلغان مەزگىلدە كۆپ كۆرۈلدۇ.بۇنىڭغا نىسبەتەن يىمەك -ئىچمەكنى تەڭشەش ،سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئۆزىگە پايدىلىق ھەركەتلەرنى تاللاپ چىنىقىپ بېرىش لازىم . سەھەردە ئۇرۇندىن تۇرغاندا كۆز ئازراق ئىشىپ ،ئەتراپىدا قارا دۇگلەك پەيدا بۇلۇپ قىلىش : بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ھارغىنلىقنىڭ نەتىجىسى بۇلۇشى مۇمكىن .بۇ ھالنى تېرە ئاقارتىش ياكى ئىششىق ياندۇرۇش مەلھىمى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ.ئەگەر ئىششىق دائىم كۆرىلىۋەرسە ،بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش لازىم.سىتاتتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ،ئاياللارنىڭ بۆرەككە تاش چۈشۈش كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 1.5ھەسسە يۇقىرى بۇلدىكەن. كىچىلىرى پۇتىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ قېلىش: بۇ ئاستا خاراكتىرلىق قان تۇمۇر زەئىپلىشىشنىڭ سىگنالى بۇلۇپ ،خام كۆكتاتلارنى خام ئىستىمال قىلىش ،ھەر كۈنى بىر قانچە قىتىم پۇت قىسمىنى ئاسراش ھەركەتلىرىنى ئىشلەپ بېرىش لازىم . پۇت-قۇل پەيلىرى دائىم تارتىشىپ قېلىش : بۇ كالتسىي ۋە ۋىتامىن D كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر .كالتسىي بېلەن ۋىتامىن Dسۆڭەك، بۇغۇملارنىڭ چىڭلىق دەرىجىسى ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى بەلگىلەيدۇ .بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۈتتىن ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر ،جىگەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش لازىم. كۆپ تەرلەش: بۇ قان تۇمۇر ۋېگاتاتېۋ نېرۋىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ئالامەت بۇلۇپ ئەگەر تىچلاندۇرۇش دۇرىلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە ،ۋاقتىدا نېرۋا كىسەللىكلىرى دۇختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىش زۆرۆر. چاچ كۆپ چۇشۇش: باشنىڭ ھەممە قىسمىدىن ئۇخشاشلا چاچ چۈشۈش تارقىلىشچان خاراكتىردىكى چاچ چۈشۈش دەپ ئاتىلىدۇ .بۇ ئاياللاردا كۇپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل كىسسەللىك .چاچنىڭ كۆپ چۈشۈپ كېتىشنىىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى روھى بېسىم ،،سوزۇلما خاراكتىرلىق يۇقۇملىنىش ۋە يىمەك -ئىچمەكنىڭ نۇرمالسىزلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاقىڭرتىپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ زڭيادە ئىشىپ كېتىشى ياكى خاراكتىرىدە ئۆزەۈرۈش بۇلىشىمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.