ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ ئورنى ۋە ئىقتىدارى
جىنسىي يول داس بوشلۇقىنىڭ تۆۋەنكى قىسىم مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، سىرتكى ۋە ئىچكى جىنسىي ئەزالارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تۇرۇبا يولىدىن ئىبارەت.
جىنسىي يول نىڭ ئارقا دىۋارى سەل ئۇزۇن بولۇپ، تۈز ئۈچەيگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ؛ ئالدى دىۋارى سەل قىسقا بولۇپ ، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىغا يېقىن تۇرىدۇ.
جىنسىي بول جىنسىي ئالاقە قىلىدىغان ئەزا، شۇنداقلا ھەيز قېنى ۋە ھامىلە چىقىدىغان يول. ئادەتتە جىنسىينىڭ ئالدى ۋە كەينى دىۋارى ئۆز ئارا چاپلىشىپ تۇرغاشقا، مەينەت نەرسىلەرنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جىنسىي يول يۇقۇم لانغاندا ھەمىشە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىدۇ. جىنسىي يول دىۋارىدا پۈرمىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولىدۇ. بىراق گۆدەك قىزلار ۋە ھەيز كېسىلگەن ئاياللارنىڭ جىنسىي يول دىۋارى نىپىز، ئېلاستىكىلىقى ناچار بولغانلىقتىن، ئاسانلا زەخمىلىنىدۇ ۋە يۇقۇملىنىدۇ.