ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا…
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى : ئەگەر ئاياللار ھاياتىدا بىر قېتىم مۇكەممەل ھامىلدار بولۇش ۋە تۇغۇش مۇساپىسىنى تاماملىسا ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى 10 يىل ئۇزىرايدۇ . بۇ خىل ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسەن سۈت بېزى راكى ، تۇخۇمدان راكى قاتارلىق ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، تۇغۇپ باقمىغان ئاياللار ھامىلە گورمۇنىنىڭ دەل ۋاقتىدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە گورمۇنغا تاينىپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ . مەسلەن : بالياتقۇ مۇسكۇلى راكى ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنىدا غەلىتىلىك كۆرۈلۈش دېگەندەك .
تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى : تۇغۇپ باقمىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، تۇغۇپ باققان ئاياللاردا تۈرلۈك راك ۋە ھەر خىل ئاياللار كېسىلىگە قارشى كۈچلۈك ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل بولۇپلا قالماستىن ، يەنە كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدىكەن . ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق چېكىنىدىغان بولغاچقا ، بالىلىق بولۇپ باققان ئاياللارنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرى بالىلىق بولۇپ باقمىغان ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا كېچىكىپ كېتىدۇ . يەنە كېلىپ بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش داۋامىدا ، ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارى پىشىپ يېتىلىپلا قالماستىن ، پىسخىكىلىق ساغلاملىقمۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ .