ئاياللار ئاز تاماق يىسە زىيانلىق
ھازىرقى زامان ئاياللىرى زىلۋا بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تاماقنى ئاز يەيدىغان بولۇۋالدى . تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، تاماقنى بەك ئاز يەپ ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاشنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، سەل قاراشقا بولمايدۇ .
ئاشقازان ساڭگىلاپ كېتىش ؛ تاماقنى ئاز يەپ ئورۇقلىغان ئاياللاردا ھەمىشە ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق ، قورساق كۆپۈش ، ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ . مانا بۇلار ئاشقازان ساڭگىلىۋالغاننىڭ بېشارىتى .
چاچ چۈشۈش :بەدىنى بەك ئورۇق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ تەمىنلىشى يېتەرسىز بولىدۇ ، شۇڭا چاچ چۈشۈپ رەڭگى سارغىيىپ ، بارغانسېرى پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ .
سۆڭەك شالاڭلىشىش: ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ؛ بەك ئورۇق ئاياللارنىڭ يانپاش سۆڭەكنىڭ سۇنۇش نىسبىتى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقتىكى ئاياللارغا قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ھەددىدىن زىيادە ئورۇق ئاياللارنىڭ ئاياللىق گورمون سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى كالتسىينىڭ سۆڭەككە سۈمۈرۈلىشىگە ھەم سۆڭەكنىڭ نورمال زىچلىقىنى ساقلاشقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىپ ، سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
قان ئازلىق ؛ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلىشى تەكشى بولمىغاندا تۆمۈر ، يۇمۇرماق كىسلاتاسى يەنى 叶 酸 ، ۋىتامىن B12 قاتارلىق قان ئىشلەپچىقارغۇچى ماددىلارنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ناچار بولىدۇ . تاماقنى بەك ئاز يىگەنلىكتىن ئاساسىي ماددا ئالمىشىش نىسبىتى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ . شۇڭا ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ ، ئاشقازان كىسلاتانىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىمۇ ئازىيىپ ، ئۇزۇنلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قان ئازلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرسى .
بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش ؛ بەدەندىكى ماي يېتەرلىك بولمىغاندا بالىياتقۇ ئاسانلا نورمال ئورنىدىن چىقىپ جىنسى يولنى بويلاپ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ، بالىياتقۇ بوينى چىقىپ قالىدۇ . ئېغىر بولغاندا بالىياتقۇ بوينى ئېغىزنىڭ يۇقۇملىنىشى ، ھەتتا بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يۇقارقىدەك كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۇشۇرۇن خەۋىپىگە قارىتا دوختۇرلار ئورۇقلىماقچى بولغان ئاياللارغا ۋاقىتلىق گۈزەللىكنى قوغلىشىپ ، سالامەتلىگىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز.