ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىمى قانچىلىك مەينەت؟

ئىچ كىيىمدىن ئىبارەت بۇ بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بۇيۇم، ساغلاملىق بىلەن قانچىلىك زىچ مۇناسىۋەتلىك؟ گەرچە كۆپ قىسىم كىشى بۇ ھەقتە ئويلىنىپ، دائىم ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن زادى قانچىلىك ۋاقىت كىيىپ بولغاندىن كېيىن قايتا كەيمەسلىك ھەققىدە ئانچە ئويلىنىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا كونىراپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەندىلا ئاندىن تاشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كېسەللىك دەل مۇشۇ كىچىككىنە نۇقتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئىچ كىيىمنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئاز دىگەندىمۇ 0.1 گرام تەرەت يۇقى بولىدىكەن

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىكرو جانلىق ئالىملىرى كىرئالغۇغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىر ئىچ كىيىمدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاز دىگەندىمۇ 0.1 گرام تەرەت يۇقى قېلىپ قالىدىكەن. چىقىرىندا ماددىلار ئىچىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى ، چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيىسى  قاتارلىق كېسەللىك ۋىرۇسلىرى بولۇپ، توپتوغرا يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقان تەقدىردىمۇ، ئۈستىدىكى ۋىرۇسلار پۈتۈنلەي چىقىپ كەتمەيدىكەن.

ئۇنداقتا بۇ 0.1 گرام تەرەت يۇقۇندىلىرىنىڭ تەركىبىدە زادى نېمىلەر بار؟

  بىر گرام تەرەت يۇقىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 10 مىليون دانە ۋىرۇس، 1 مىليون دانە باكتېرىيە، 1000 دانە پارازىت قۇرت قاپلىرى ۋە 100 دانە قۇرت تۇخۇمى بولىدىكەن. گەرچە بەزى ۋىرۇس ۋە باكتېرىيىلەر ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىمى ئادەم بەدىنىگە پايدىسىز. بولۇپمۇ تەرەت قالدۇقى بۇلغىغان سۇ، ئاشلىق، تاماق ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىيىم كېچەك قاتارلىقلارنى بۇلغىسا، زىيانلىق ماددىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

1964-يىلى ئەنگىلىيىلىك كامېلون ئىسىملىك بىر دوختۇر ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ 940 نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىچ كىيىمنى تەكشۈرگەن، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىچ كىيىمى «سارغۇچ رەڭ» دىن «قاپقارا» ھالەتكە ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەرەت يۇقى ساقلانغانىكەن. كامېلون دوختۇر قاتتىق ھەيران قېلىپ :« دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن ئادەم ھەتتا تاماق ئۈستىلىدىكى داستىخانغا تېمىپ كەتكەن ئىنتايىن كىچىك پەمىدۇر قىيامىغىمۇ سۆزلەپ قايناپ كېتىدىغان يەردە، بۇنداق كۆپ كىشىلەرنىڭ بەدىنىگە تېگىپ تۇرىدىغان شۇ ئىچ كىيىمنى شۇ ھالەتتە كېيىپمۇ تاماق جوزىسىدا خاتىرجەم خوشال ئولتۇرغىنىغا ھەيرانمەن» دېگەن

ئىچ كىيىمنى ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىلدا بىر ئالماشتۇرۇش كېرەك

جۇڭگو ئىلمە توقۇمىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ كاتىبات باشلىقى چۈ جىڭ ئىلگىرى «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىشلىتىش قېتىم سانى كۆپ بولغان ئىچ كىيىمنى ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. مۇبادا ئىچ كىيىمنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، ماتېرىيالى قاتتىق بولۇپ قالسا، قانچە يۇسىمۇ پاكىزلانمايدىغان بولۇپ قالسا، دەرھال تاشلىۋېتىش كېرەك.

بىر تال ئىچ كىيىمنى 2~3 كۈندىن ئارتۇق كەيمەسلىك كېرەك

تۇرمۇشتا، ئىچ كىيىمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ پاكىز يۇيۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى، بولسا ھەر كۈنى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ھېچ بولمىغاندىمۇ 2~3 كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش لازىم. يۇغاندا تاشقى كىيىملەردىن ئايرىپ يۇيۇش، ئامال بار قاتتىق سوپۇن بىلەن قولدا ئۇۋىلاپ يۇيۇش، بىۋاسىتە ئاپتاپقا يايماسلىق، ئاۋۋال سالقىن ئورۇندا شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن ئاپتاپقا يېيىپ دېزىنفىكسىيىلەش كېرەك. بولمىسا ئىچ كىيىم ئاسانلا قاتتىق بولىۋالىدىغان، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بوپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئىچ كىيىمنى ئايرىپ مەخسۇس ئورۇندا ئايرىم خالتىدا ساقلاش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button