چاچ كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

چاچ چۈشۈش

    چاچ چۈشۈش، چاچ چۈشۈشتىن سىرىت ساقال، بۇرۇت،قاش ۋە كىرپىك بىلەن بەدەندىكى باشقا تۈكلەرنىڭ چۈشۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق چاچ چۈشۈش كۆپىرەك بولىدۇ.
   قىرىق ياشتىن كېيىن چاچ شالاڭلىشىش نۇرمال ئەھۋال، لېكىن قىرىق ياشتىن ئېلگىرى چاچ شالاڭلاشسا ياكى دائىرلىك چاچ چۈشسە ۋە قىرىق ياشتىن كېيىن چاچنىڭ شالاڭلىشى تېز ۋە كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە ، دائىرلىك چاچ چۈشسە ۋە قىرىق ياشتىن كېيىن چاچنىڭ شالاڭلىشى تېز ۋە كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە، دائىرلىك چاچ چۈشسە چاچ چۈشۈش كېسىلى دەپ ئاتىىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دائىرلىك چاچ چۈشۈش ‹يىلپىز يالىۋلىش› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى :چاچ چۈشۈش –چاچ شالاڭلىشىش ۋە دئىرلىك چاچ چۈشۈش دەپ ئىككى خىىلغا بۆلىنىدۇ. چاچ چۈشۈش مەيلى قايسى خىلدا بولسۇن، كۆيگەن بەلغەم بىلەن سەۋدا ياكى ئۆتكۈر سەپرا بىلەن قويۇق ۋە بۇزۇق قان قاتارلىق غەيرىي خىلتلارنىڭ قايسىبىرى بولمسۇن، تېرە ۋە تېرىدىكى چاچ يىلتىزغا ئورۇنلىشۋىلىپ،تېرىدىكى چاچ يىلتىزىغا ئورۇنلىشۋىلىپ ،تېرىدىكى تۈك يىلتىزدىكى ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋەت، ئوزۇقلۇقنى تارتقۇچى قۇۋەت، ۋە تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋەت قاتارلىق كۈچلەرنىڭ خىزمتىنىڭ بۇزۇلىشدىن چاچ چۈشىدۇ. بىراق چاچ چۈشۈش يۇقىردىكى سەۋەپلەردىن باشقا يەنە  كىشلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ياخشى بولماسلىق ياكى ئوزۇقلوق مادىلار كىشلەرنىڭ مىجەزى بىلەن ماس كەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەزىم قىلشنىڭ بۇزۇلىشى، روھى ھالەتنىڭ نورمال بۇلماسلىقى(مەسىلەن؛غەم-قايغۇ، خاپىلىق ۋە روھى جىديىيلىك ) ئۇزاق ۋاقىت كېسەل تارتىش(مەسىلەن؛ كېزىك كېسىلى، قان ئازلىق دېيابىت كېسىلى، سىل كىسىلى، ئىچى سۈرۈش ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلار)، باش كېپەكلىشىش ياكى باش تېرىسى ياغلىشىپ قېلىش، باشنى يۇيغان سۇ بىلەن سوپۇننىڭ ساپ بولماسلىقى ، جىسمانىي چىنىقشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى جىسمانىي روھى جەھەتتىن چارچاش،  يالاڭۋاش يۈرۈش ۋە ئېرسىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىردىن بولىدۇ.شۇڭلاشقا چاچ چۈشۈش قارماققا ئاددىي كېسەلدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ ساقسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دائىرلىك چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى بولسا، كۆيگەن بەلغەم بىلەن سەۋدا ياكى ئۆتكۈر سەپرا بىلەن قويۇق بۇزۇق قاننىڭ باش تېرسىنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئورۇنلىرىغا ئاساسلىق تەسىر قىلىشى ۋە روھى ئامىل قاتارلىق ئامىللارنىڭ رول ئوينىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    ئالامىتى ؛ چاچنى تارغاندا ياكى يۇغاندا ھەتتا سىلغاندا ياكى تەكى ياستۇقلارغا سۈركىلشتىنمۇ چاچ چۈشىدۇ ياكى تارغاق بىلەن تارغاندا قولغا يىچقانداق ئاغىرىقسىزلا چاچ يۇلۇنۇپ چىقىدۇ. باش تېرىسى كېپەكلىشىپ، چاچ قۇرغاقلىشدۇ ياكى بولمىسا باش تېرىسى بىلەن چاچ مايلىشىپ قىچىشدۇ. بەزىدە باش تېرىسىگە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ. چاچنىڭ پارقىراقلىقى تۆۋەنلەپ چاچ خۇنۇكلىشىدۇ. دائىرلىك چاچ چۈشۈشتە، باشنىڭ بىر ياكى بىرقانچە ئورۇنلىردا ھەرخىل چوڭلۇقتىكى دائىردە چاچ توساقتىنلا چۈشۈپ كېتىپ، شۇ ئورۇن قىزغۇچ تاقىر تۈسنى ئالىدۇ. چاچ چۈشۈشتە يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن باشقا، يەنە قايسى غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا مەنسۇپ بولسا، شۇ خىل غەيرىي خىلتقا مەنسۇپ بولسا ،شۇ خىل غەيرىي تەبىىي خىلتلارغاخاس يەرلىك ئالامەتلەر بولىدۇ.مەسىلەن:چاچ چۈشۈش غەيرىي تەبىئىي بەلغەمدىن پەيدا بولغان بولسا، ئومۇمىي بەدەندە غەيرىي تەبىئىي بەلغەمگە ئائىت ئالامەتلەردىن سىرىت، چاچ چۈشكەن باش تېرىسى خۇددى شور ئۆرلىگەندەك ئاقۇچ ۋە بۇشىراق بولىدۇ.ئەگەر غەيرىي تەبىىي سەۋدادىن بولغان بولسا، ئومۇمىي بەدەندەنلىك ئالامەتلەردىن سىرىت، چاچ چۈشكەن باش تېرىسى قارامتۇل تۈسنى ئالىدۇ. چاچ چۈشۈش غەيرىي تەبىي سەپراغا خاس ئالامەتلەر بولۇشتىن سىرىت، چاچ چۈشكەن ئورۇننىڭ تېرىسى سارغۇچقا مايىلراق بولىدۇ. ئەگەر چاچ چۈشۈش غەيرىي تەبىىي قان خىلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، پۈتۈن بەدەندە، غەيرىي تەبىىي قان خىلتقا ئائىت پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەردىن سىرىت، چاچ چۈشكەن باش تېرىسى قىزىل ياكى قىزلغا مايىل كېلىدۇ.
     داۋاسى؛ چاچ شالاڭلىشىش بىلەن دائىرلىك چاچ چۈشىشنى داۋالاش پىرنسىپى بولسا، ئالدى بىلەن تاماقتىن پەرھىز بۇيرۇلىدۇ ۋە مىزاج تەڭشىلىدۇ(يەنى شۇ خىلتنىڭ نورماللىقىنى بۇزدىغان يېمەك -.ىچمەكلىك چەكلىندۇ ھەمدە شۇ خىل غەيرىي خىلىتنىڭپىشۇرغۇچىسى بىلەن تازلىغۇچىسى ئىشلىتىلدۇ) . ئۇنىڭدىن كېيىن چاچ چۈشۈشكە ئالاقىدارلىقى بولغان كېسەللىك داۋالىندۇ. ئوزۇقلوق كۆچەيتىلدۇ. چاچنى يۇيدىغان سۇ بىلەن سوپون چاچنىڭ مايلىشاڭغۇلىقى بىلەن قۇرغاقلىقىنڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تەلەپكە لايىق بولۇش كېرەك. يەنى چاچ چۈشۈشكە قوشۇلۇپ چاچ قۇرۇق ۋە باش كېپەكلىش بىلەن بېرگە كەلگەن بولسا، يۇيىدىغان سوپۇننىڭ شاخار تەركىبى كەمىرەك، ماي تەركىبى كۆپىرەك بۇلىشى كېرەك ۋە يۇيىدىغان سۇدا تۇز تەركبى كەم بولۇش كېرەك. يامغۇر سۈيى بىلەن قارسۈيى بەكمۇ ياخشى. ئەگەر سۇ تەركىبىدە تۇز كۆپ بۇلسا ، ساپ سېغىزدىن مۇۋاپىق مىقداردا قىرىپ قاينىتىلغان سۇغا سىلىپ تىندۇرۇپ، سۈزۈك قىسمى بىلەن باش يۇيىلىدۇ. ئەگەر چاچ چۈشىشكە چاشنىڭ مايلىشاڭغۇلىقى قوشۇلۇپ كەلگەن بۇلسا، باشنى يۇيۇشتا ئىشلتىدىغان سوپۇن شاخىىرى كۆپىرەك، يىغى ئازراق يەرلىك سوپۇن بىلەن سوپۇن تالقىندا يۇيۇش كېرەك. يامغۇر سۈيى بىلەن قار سۈيىگە پىننە بىلەن تۇزدىن ئازراق قوشۇپ قاينىتىپ تىندۇرىغان سۈيىدە يۇيسىمۇ بۇلىدۇياكى ئاق لەيلى ئۇرقى بىلەن سۆگەت چىچىكدىكى ۋە ئىپىغۇلىننىڭ شىرىسى بىلەن يۇيسىمۇبۇلىدۇ. چاچ چۈشۈشكە ئىشلىتىدىغان دورىلاردا باش تېرسىنى چىڭىتىپ، چاچنى تارتقۇچى ۋە تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋەتنىى كۆچەيتىدىغان، تېرىنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاپ، چاچنى قۇۋەتلەيدىغان ۋە چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتدىغان ھەمدە بەدەنگە ئاز-تولا ھارارەت بېردىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتلەر بۇلىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button