ئەسۋىلىك يەلتاشما ۋە ئۇنى داۋالاش
تۇنۇش
كىچىك بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرىلىدىغان بۆرتمىلىك ئەسۋىسىنى ئاساس قىلىدىغان زىيادە سىزىمچانلىق تېرە كىسىلىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى
(1)سارغۇچ رەڭلىك سەپرا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇخىل غەيرى تەبىئى سەپرا خىلتى ، سەپرانىڭ تەركىبىگە سۇيۇق بەلغەم خىلتىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بەدەندە بۇخىل نورمالسىز سەپرا شەكىللەنگەندە سەپرا خىلتىنىڭ تەبىئى خىزمىتى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، ھەمدە سپرا خىلتى قىيام جەھەتتىن سۇيۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيتى تۆۋەنلەپ قان تومۇرلاردىن سىرغىپ چىقىپ توقۇلما ئارلىقلىرىدا يېغىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەدرىجى يەرلىك ئورۇندا ماددا ئالمىششىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. نورمالسىز خىلىت سىرىتقا چىقالماي يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
(2)قاننىڭ ئۇفۈنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۆتكۇر ئىسىقلىقنىڭ قان خىلتىغا تەسىر قىلىشى سېسىغان،چېرىگەن، بۇزۇلغان ماددىلار ۋە ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى تاشقى تەرەپتىن قان خىلتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلتى بوزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىششىىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
(3)سىرتقى مۇھىتتىكى ھەرخىل خېمىيلىك فېزىكىلىق بويۇملار،كىسلاتا ئىشقارلىقى كۈچلۈك بولغان بويۇملار،ھاشارەت ۋە پارازىت قۇرتلار ھايۋانلارنىڭ پەي-مويلىرى،ئۆسۈملۈك چاڭلىرى ھەم بەزى دورىلارغا ئۇچرىشش سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇن غىدىقلاشقا ئۇچراپ يەرلىك ئورۇننىڭ سىزىمچانلىقىنى ئاشۇرۋىتىش سەۋەبىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى
ياز ۋە كۈز پەسىللىرى كۆپ كۆرۇلىدۇ. بەل، مۆرە،قورساق ،ساغرا،پاقالچاق قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ئەسۋىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ياكى سوقىچاق شەكىللىك بولۇپ دىئامىترى 1-2سانتېمىتىر بولغان دۆڭچە ئەسۋىسىنى ئاساس قىلىدۇ.تېرە ئەسۋىسىنىڭ ئۇزۇن ئوقى تېرە سىزىقى بىلەن بىردەك بولىدۇ. تېرە سىزىقى ئۈستىگە چوڭ قاپارتقۇ ياكى قانلىق قاپارتقۇ چىقىپ ئەسۋىلىك يەلتاشما كۆپىنچە كىچىدە پەيدا بولۇپ، 2-12كۇن داۋاملىشىپ ئاندىن يوقىلىدۇ. يەرلىك ئورۇندا ۋاقىتلىق پىگىمىنت چۆكمىسى قالىدۇ. قاتتىق قىچىشىپ قىچىششنى تاتىلاشتىن يۇقۇملىنىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
1-سارغۇچ سەپراغا قارىتا سەپرانىڭ مۇنزىچىغا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن،سەپرا بىلەن بەلغەمنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ بېرىپ ماددىنى تازىلاش پىرىنسىپى قوللىنىدۇ.
2-قان تازىلاش،ياللۇغ قايتۇرۇش پىرىنسىپى قوللىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى
يەككە دورا بىلەن داۋالاش
1-يالپۇزنى ئىزىپ سۇيىنى چىقىرىپ گۇلاب بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىش لازىم.
2-ھۆل چاققان ئوتنىڭ پۇتۇن چۆپىنى سوقۇپ سۇيىنى چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا سۇرتۇش لازىم.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش
1-سارغۇچ سەپراغا قارىتا سەپرانىڭ مۇنزىچىغا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيى، سەپرا بىلەن بەلغەمنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ 3-5كۇن بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.
سەپرانىڭ مۇنزىچى
چىلان15گىرام،گۇل بىنەپشە10گىرام،سەرپىستان15گىرام،قىزىلگۇل10گىرام،كاسىنە ئۇرىقى15گىرام،شاھتەررە10گىرام،نېلۇپەر گۇلى10گىرام، ئەينالۇ15گىرام ،تەرخەمەك ئۇرىقى10گىرام،ئىت ئۇزۇمى10گىرام قاتارلىقلار.
بەلغەمنىڭ مۇنزىچى
تەركىۋى:بادىيان10گىرام ،رۇم بادىيان10گىرام ،بىخسۇس15گىرام،زىرە15گىرام ،دارچىن10گىرام، قاقۇلە10گىرام، بەرەنجاسىف10گىرام ، سۇمبۇل5گىرام،ئۇزۇم 15گىرام قاتارلىقلار.
سەپرانىڭ مۇسھىلى
تەركىۋى:مەتبۇخ ھەلىلە بېرىلسە بولىدۇ.
بەلغەمنىڭ مۇسھىلى
ئايارەج پەيقىرا
تەركىۋى:سۇمبۇل،دارچىن،قوۋزاق دارچىن،ھەببى بىلسان،ئود بىلسان، مەستىكى، ئاسارۇن،زەپەر،ھەر بىرى 30گىرامدىن،سەبرى 500گىرام،ھەسەل 1200گىرام.
تەييارلىنىشى:قائىدە بويىچەمەجۇن قىلىنىدۇ.
مۇنزىچ نۇسھىل بېرىپ بولغاندىن كېيىن قان تازىلاش،ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئىتتىرىفىل چۆبىچىن،قۇرسى شاھتەررە ،كاسىنە ئەرقى قاتارلىق دورىلارنى ئۆلچەم بويىچە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
قۇرسى شاھتەررە
تەركىۋى:سەبرى 21گىرام،قارا ھەلىلە،سېرىق ھەلىلە پوستى ،ھەر بىرى 15گىرام،سوقمونىيا 8گىرام.
تەييارلىنىشى:دورىلار مۇۋاپىق مىقداردىكى شاھتەررە سۇيىدە قۇرۇس قىلىنىدۇ.
ئەرقى كاسىنە
تەركىۋى: كاسىنە بىر كىلوگىرام، سۇ 6كىلوگىرام.
تەييارلىنىشى:دورىنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ ،يۇيۇپ تازىلاپ،پار قازاندا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن سىرتىدىن بابۇنە مېيى،قاپاق مېيى بىلەن مايلىنىدۇ. ھەمدە شاھتەررە،ئەمەن،موزا،چۆبىچىن 15گىرامدىن،رەۋەن 10گىرام،يالپۇز 15گىرام،ئاق لەيلى 10گىرام قاتارلىق دورىلارنى 1500مىللىلىتىر سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۇزىۋىتىپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ.
ئەسۋىلىك يەلتاشمىدا سەپرانى ھەيدەش مەقسىتىدە ھەلىلە،تەمىرى ھىندى، خىيارشەنبەر قاتارلىق دورىلاردىن قايناتما تەييارلاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
سەپرانى تازىلىغاندىن كېين سوۋۇتقۇچى ۋە ھۆللەشتۇرگۇچى دورىلار بېرىلىدۇئ ھەمدە ئانار شەربىتى،قارا ئۇرۇك سۇيى،شەربىتى ئەفسەنتىن،قۇرسى كافۇر قاتارلىق دورىلارنى بىرىشكە بولىدۇ.
ئانار شەربىتى
تەركىۋى:ياخشى پىشقان تاتلىق ئانار سۇيى 1.5كىلوگىرام،قەنىت 1كىلوگىرام.
تەييارلىنىشى:قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىستىمال قىلىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شەربىتى ئەفسەنتىن
تەركىۋى:قارا ئۇرۇك 100گىرام،تەمرى ھىندى 60گىرام،قىزىلگۇل 20گىرام،شاھتەررە،ئەفسەنتىن،ئۇرۇقسىز ئۇزۇم ھەر بىرى 15گىرام،قەنىت 300گىرام.
تەييارلىنىشى:قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.
قۇرسى كافۇر
تەركىۋى:قارا سۇنا ئۇرىقى 21گىرام،سېمىز ئوت ئۇرىقى 18گىرام،تەرخەمەك مېغىزى،تاباشىر ھەر بىرى 15گىرام،قاپاق مېغىىزى12گىرام،چۇچۇكبۇيا يىلتىزى قىيامى (رۇببۇسۇس)9گىرام،قىزىلگۇل،تەرەنجىبىن،كاسىنە ئۇرىقى ھەر بىرى 6گىرام،كافۇر 2گىرام.
تەييارلىنىشى:قائىدە بويىچە ئىسپىغۇل لوئابىدا ھەب قىلىنىدۇ.
ئۇزۇقلىقىغا
ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان سىڭىشلىك غىزالار ۋە يەل پەيدا قىلمايدىغان مېۋە-چىۋىلەر بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم.
پەرھىزى
يەل پەيدا قىلغۇچى،قاننى قىزىتقۇچى،ئۆتكۇر غىدىقلىغۇچى،تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمە-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم. زىيادە سىزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار بىلەن ئۇچرىششتىن ساقلىنىش لازىم.