سەھىپە ئايرىلمىغان
چىمچىملىق
بۇ قاپاقنىڭ ئىختىيارسىز ئېچىلىپ، يومۇلۇپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئىككىلا كۆزنىڭ ياكى بىرلا كۆزنىڭ قاپاق تارىمۇچ پەيلىرى ئىختىيارسىز لىپىلداپ ھەرىكەت قىلىپ كۆزنىڭ نورمال كۆرۈش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىكتىن ئىبارەت.
داۋالاش:
رېستىپ: قىچىنى سىركىدە ئىزىپ قاپاققا ۋە چىكىگە چاپسا شىپا بولىدۇ.
رېستىپ: ئاقتۇز قوشۇلغان تۇخۇم سېرىغى يەرلىك ئورۇنغا چېپىلسا ئوبدان شىپا بولىدۇ.
رېستىپ: ئىپار ۋە قۇندۇز قەھرىنى پۇراتسا ئوبدان شىپا بولىدۇ.
پەرھىز: ھەرخىل سۇغۇقلۇق ئىشلار ۋە يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.