چىش مىدىرلاپ قېلىش
بۇ، ئاساسلىقى ھەرخىل ئىچكى سەۋەبلەردىن بولغان چىش مىدىرلاپ قېلىشقا ھەتتا چىش چۈشۈپ كېتىشكە قارىتىلغان.
سەۋەبى:
ئارتۇق ھۆللۈك بولۇپمۇ سۇيۇق بەلغەم ھۆللۈكىنىڭ چىش تۈۋىگە يىغىلىپ قېلىشىدىن چىشلار بوشاپ مىدىرلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چىش تۈۋىدىكى گۆشلەرنىڭ ئازلاپ قىچىشىشى (يىگىلىشى)، چىش تۈۋى يەللىك يارىسى، چىش تۈۋىگە ئوزۇقلۇق قۇۋۋەتلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى، چىشنىڭ تۈۋىگە ئىسسىق خاراكتېرلىك ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىقلاردا چىش مىدىرلاپ قېلىش، ھەتتا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ ياشانغان كىشىلەردە تەبىئىي ئەھۋال، ياشلاردا بولسا كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزىدە ياشلاردا كۆپىنچە ئاچ قېلىش ياكى ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق، كۆپ قان يوقىتىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوزۇقلۇق يېتىشمەي چىش مىلىكلىرى بوشاپ، چىش مىدىرلاپ قالىدۇ ھەتتا چۈشۈپ كېتىدۇ. سىرتقى زەخىم ئاسانلا چىشلارنىڭ مىدىرلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزىدە سىمابلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلىقتىنمۇ چىش مىدىرلاش، چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.
ئالامىتى:
چىشنىڭ مىدىرلاپ قالغانلىقى ئېنىق بىلىنىدۇ. چىش مىلىكلىرى ئورۇقلاپ، ئاقىرىپ چىش تۈۋى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. چىشلار بوشاپ قاتتىق-قۇرۇق نەرسىلەرنى نورمال چاينىيالمايدۇ. چىش ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئاغرىمايدۇ. چىش ئۇزىراپ قالغاندەك بىلىنىدۇ.
داۋالاش جەھەتتە ئۇيغۇر تېبابەت بويىچە داۋالاش قىلىش كېرەك. چوڭراڭ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ مۇنتىزىم داۋالىنىش قىلسا ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.