ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى

چىش ئاغرىقىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

     يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چىشىڭىز ئاغرىغاندا ، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى تاللاپ تەكرار قوللانسىڭىز ، مېنىڭچە ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز :

     @ ئۆرۈك مېغىزى . بىر دانە ئۆرۈك مېغىزىنى ئوتقا قاقلاپ ، قىزىقىدا ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ سامساق . ئاقلانغان بىر باش ئۇيۇل سامساقنى ئوتتا پىشۇرۇپ ، قىزىقىدا ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ توخۇ تۇخۇمى . بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ ، ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق ئاق شېكەر ، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە ، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ ، كېيىن قايتا قوزغالمايدۇ .

     @ غولپىياز . تەڭ مىقداردا غولپىياز بىلەن سامساقنى ئېزىپ ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ يېسىۋىلەك يىلتىزى . بىر تۈپ يېسىۋىلەك يىلتىزىنى ئېزىپ ، چىققان شىرنىسىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ ئاپتاپپەرەس چېچىكى . ئاپتاپپەرەس چېچىكىنى قازاندا سۇ بىلەن قاينىتىپ تىلىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ، سۈيىدىن بىر قېتىمدا يېرىم چىنە ( 300 مىللىلېتر ) ئىچىۋەتسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ قىزىق لۆڭگە . لۆڭگىنى قىزىق سۇغا چىلاپ سۈيىنى سىقىۋەتكەندىن كېيىن ، گەدەنگە تۆت – بەش مىنۇت قويۇپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ روخۇ ئۆتى . بىر دانە توخۇ ئۆتىگە بىر .ئاز ئاق ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭغا پاختىنى چىلاپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا تەگكۈزۈپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ پىياز ئۇرۇقى . بىر چىمدىم پىياز ئۇرۇقىنى كۆك رەختكە ئوراپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ ، چىققان تۈتۈنىدە چىشنى ئىسلاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ ئاشتۇزى . بىر ئاز ئاشتۇزىنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ ، توختىماي ئۇۋىلاپ بەرسە ياكى ئاشتۇزىنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، بىر دەمدىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      @ سىركە . ئۈزۈم سىركىسىنى قاينىتىپ ئۇنىڭدا ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      @ جىگەر . جىگەرنى كاۋاپ قىلىپ قىزىقىدا چىشلەپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      @ خام زەنجىۋىل . خام زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا قويۇپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      @ قارىمۇچ . بىر مىسقال قارىمۇچنى تالقانلاپ ، سىركە بىلەن قاينىتىپ ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      @ بىر تال كاۋاۋىچىننى ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، بىر دەم چىشلەپ تۇرسا ياكى كاۋاۋىچىننى ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ چىشنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      @ تېتىتقۇ . چوكىنىڭ ئۇچىغا تېتىتقۇ ئېلىپ ئاغرىۋاتقان چىشقا تەگكۈزۈپ قويسا ، چىش ئاغرىقى تېزلا توختايدۇ . @ زەمچە . ئۈرۈك قېقى چوڭلۇقىدىكى زەمچىنى يېرىم پىيالە قايناقسۇدا ئېرىتىپ چىشنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      @ دانكا . مۇۋاپىق مىقداردا دانكا ، زەمچە ، توغرىغۇ ، تۇزنى تالقانلاپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا باسسا ياكى سۇيۇلدۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ ئېقىل قارا . كىچىك چىلاننىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىغان ئېقىل قارىنى ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ ، ئېغىزغا سۇ ئېلىپ غەر – غەر قىلىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ ئاسپىرىن . بىر تال ئاسپىرىننى ئېزىپ ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

     @ ھىڭ . ماياق چوڭلۇقىدىكى بىر پارچە ھىڭنى قۇرت يېگە چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى پەسىيىدۇ ، قۇرتنى چۈشۈرىدۇ .

     @ زوڭ ئولتۇرۇش . چىش قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە ، زوڭ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ بەرسە ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تېز كۆرۈلىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button