چىشنى قايسى خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاسىرايمىز؟
چىشنى چېكىش ئۇسۇلى؛ ئاستى-ئۈستى چىشنى چېكىش، ئالدى بىلەن ئىككى ياندىكى چوڭ چىشنىڭ ھەربىرىنى 20 قېتىمدىن چىكىش . ئاندىن ئۇدۇل چىشنى 20 قېتىم چېكىش . قوچۇش ئۇسۇلى؛ ئالدى بىلەن تىل ئۇچىنى ئۈستۈنكى لەۋ بىلەن ئۇدۇل چىش ئارىسىغا ئېگىپ چىش ئۇلىنى بويلاپ تىلنى سولغا 10-7 قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. ئاندىن ئوڭغا 10-7 قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن 10-20 قېتىم قوۋۇزنى شۇراپ ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۆلگەي بىلەن ئېغىزنى 10 نەچچە قېتىم چايقىغاندىن كېيىن نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ يۈتىۋەتسە بولىدۇ. ئالدى بىلەن چىشنى چېكىش ، ئاندىن قوچۇش ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە تاماقتىن كېيىن ھەر بىرىنى بىرقېتىمدىن ئىشلەش ھەر قېتىمدا يۇقىرقى ئۇسۇل بۇيىچە ئىككى قېتىم تەكرارلاش كېرەك . بۇ ئۇسۇل تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ ھەزىم قىلشقا ياردەم بېرىدۇ. ئېغىز ئاچچىق بولۇش ۋە ئېغىز پۇراشنىڭ ، يۇتقۇنچاق ، كېكىرتەك كېسەللىكلىرى ۋە چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالايدۇ. يۈز مۇسكۇلىنىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىپ ، يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرىدۇ. ئەتىگەن كەچ بىر ئىستاكاندىن تەمى سۇسراق تۇز سۈيى ئىچىپ ، ئۈچ ۋاق تاماقتىىن كېيىن تەمى سۇس تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز چايقىغاندا ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چىش پاستىسىنى قويۇق تۇز سۈيىگە چىلاپ چىش چوتكىلىسا ، مىكروپ ئۆلتۈرۈپ ، كىرنى چىقىرىپ چىشنى تازلايدۇ. ئەگەر ھەر كۈنى بىر قېتىم ئاچچىقسۇدا ئۈچ مىنۇت ئېغىز چايقىسا چىشتىكى كىر ۋە ئىس قالدۇقلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.