ئىچكى كېسەللىكلەر

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى

تونۇش:

ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك مۇسكىلى ياللۇغلىنىپ ، كىلىنكىادا يۈرەك ئالدى رايۇنى يۈشۈرۈن ئاغرىش ، يۈرەك سېلىش ، قىززىش ، نەپەس قىيىنلىشىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك .

بۇ كېسەللىك كىلاسسىك ئەسەرلەردە « ۋەرىمى ئۇزلاتى قەلب » دەپ ئاتىلىدۇ .

سەۋەبى :

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

ئالامىتى :

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر –يېنىكلىك پەرقى ناھايىتى زور بولىدۇ .ئېغىر بولغاندا ئوتتۇرھال قىززىتما بولىدۇ ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ ، بىمار ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ ، ھەتتا يۈرەك مەنبەلىك شوك ، ئېغىر ھالدىكى يۈرەك رېتىمسىزلىقى كۆرۈلىپ ئۆلۈم كىلىپ چىقىدۇ . يەڭگىل يەڭگىل بولغاندا ئالامەتلىرى روشەن بولمايدۇ ياكى يۈرەك ئالدى رايۇنى يۈشۈرۈن ئاغرىيدۇ ، يۈرەك رېتىمسىزلىنىپ بىمار ماغدۇرسىزلىنىدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىپ باش ئاغرىيدۇ . ئىشتىھا تۇتىلىدۇ . يۈرەك چېگرىسى نورمال بولىدۇ ياكى ئازراق كېڭىيىدۇ . بۈرەك بوغۇق تاۋۇش چىگرىسىنىڭ كېڭىيىشى يۈرەك مۇسكۇلىدىكى ياللۇغلۇق ئۆزگىرىشنىڭ بىر قەدەر كەڭ دائىرلىك ۋە ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . تىڭشاپ تەكشۈرگەندە يۈرەك ھەركىتى تېز بولىدۇ ، بەزى بىمارلاردا يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاستا بولىدۇ .يۈرەك ئۇچى رايۇنىدا يۈرەك بىرىنچى تاۋۇشى ئاجىزلىشىدۇ .قىسقىرىش دەۋرىدە ئىسقىرتقاندەك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ ، بۇنىڭ ساداسى ئۈچۈنچى دەرىجىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى ياخشىلانغاندىن كېيىن تەدرىجى ئەسلىگە كىلىدۇ .يۈرەك قېپى ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلسە يۈرەك قېپىدا سۈركىلىش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ .

دىئاگنوز ئاساسى :

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ .

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ .

لابراتورىيىلىك تەكشۈرۈش :

رېنتىگىندە تەكشۈرۈش:

ئېلىكتىروكارتڭئوگىراممىدا تەكشۈرۈش :

سېلىشتۇرما دىئاگنوز :

رېماتىزىملىق يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

ئاقىۋىتى :

ۋاقتىدا جىددى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ .ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا كېسەللىك ئېغىرلىشىپ يۈرەك مەنبەلىك شوك ، ئېغىر يۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەتتا ئۆلۈم كىلىپ چىقىدۇ .

داۋالاش پرىنسىپى :

خىلىتلىق مىزاخ بۇزۇلىشتىن كىلىپ چىققانبولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ سەۋەپكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ .

قىززىتما پەسەيتىش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، توسالغۇلارنى ئېچىش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

يۈرەك ، مىڭە ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

داۋالاش ئۇسۇلى :

قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا قان تازىلاشتەسىرىگە ئىگە دورىلاردىن ئىتتىرفىل شاھتەررە ، ئەرقى شاھتەررە ، چىلان شەربىتى ، ئكشبە شەربىتى ،مەتبۇخى شاھتەررە قاتارلىق دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .

زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە يەككە دورىلارنى تاللاپ ئارلاپ تۇرۇپ بىرىلىپ ، ماددا پىشقاندىن كېيىن بۇ مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ بىرىلىپ كېسەللىك ماددىسى بەدەندىن تازىلىنىدۇ .

ئاخىرىدا قىزىتما قايتۇرۇش ، ياللۇغ پەسەيتىش توسالغۇلارنى ئېچىش مەخسىتىدە ئەرقى شوخلا ، ئەرقى چۆبىچىن ، مەتبۇخى چۆبىچىن ، مەجۇنى چۆبىچىن ، ئىتتىرفىل چۆبىچىن قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ .

بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن يۈرەك ، مىڭە ۋە ئومۇمى بەدەننى قۈۋۋەتلەش مەخسىتىدە ئەبرىشىم شەربىتى ، بادرەنجى بۇيا شەربىتى ، داۋائىل مىشكى بارد  ، خېمىرى مەرۋايىت ، مۇپەررى ياقۇت ، خېمىرى ئەبرىشىم ، خېمىرى سەندەل قاتارلىق دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىمىز .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

يەل پەيدا قىلىش ، غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولغان مايلىق ، غەلىز يىمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ .

ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرلىدۇ .

بىنار كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن زىيادە چارچاشتىن غەم ئەندىشىدىن ، قورقۇش ۋە ئاچچىقلىنىشتىن ، تاماكا چىكىشتىن ،  ھاراق ئىچىشتىن ، تويۇنىپ غىزالىنىشتىن تۇزلۇق تاماقلاردىن ، كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لزىم .

بىمار يەڭگىل ھەرىكەت قىلىشى ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى ، مەنزىرلىك جايلارنى سەيلى قىلىشى ، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولىشى لازىم .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button