ئىچكى كېسەللىكلەر

يۇقىرى قان بېسىم قايسى خىل كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەر تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىلىشى ۋە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بارغانسېزى كۆپ كۆرىلىۋاتقان بىر خىل كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىل كېسەللىك دېھقانلارغا قارىغاندا ئىشچى – خىزمەتچىلەردە، تۇرمۇش شارائىتى ناچارلارغا قارىغاندا ياخشىلاردا، مۇۋاپىق جىسمانىي پائالىيەت ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قارىغاندا شۇغۇللانمايدىغانلاردا، تۇرمۇش ئادىتى رىتىملىق، ئېغىر بېسىق، كەيپىياتى تۇراقلىقلارغا قارىغاندا تۇرمۇش ئادىتى رىتىمسىز، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغانلاردا ، دائىم دېگۈدەك مايلىق، گۆشلۈك، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، مېۋە – چېۋىلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغانلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا بىماردا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button