يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 5 مەسىلە
يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بولسا، ئارتېرىيە تومۇرنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاپ، كلىنىكىدا باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئېغىر بولغاندا قىسقا ۋاقىت سۆزلىيەلمەسلىك، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، يۈرەك سېلىش، نەپەس تېزلىشىش، كۆپ سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. بۇ خىل كېسەللىككە قارىتا ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىسا، مېڭىگە قان چۈشۈش، پالەچ، يۈرەك چوڭىيىش ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا ئاقىۋەتتە ئۆلۈمگىمۇ سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بايقالغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىنىش ھەم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، بۇ ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەرۋىش كۆرسەتمىسى، پەرھىز قائىدىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
- پسىخىكا جەھەتتىن ساغلام بولىشى كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار يۇقىرى قان بېسىمىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئۆمۈرلۈك كېسەللىك ئىكەنلىكىگە توغرا مۇئامىلىدە بولىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىشتەك ئىشەنچ تۇيغۇسى تىكلەپ، پسىخىكا جەھەتتىن ساغلام بولىشى لازىم. بۇ ئارقىلىق قان بېسىمىنى نورمال ھالەتتە كونترول قىلغىلى، قان بېسىمىنىڭ يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارغا بولغان زىيىنىنى تەلتۆكۈس ئازايتقىلى، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال قىلىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار بەدەن ئېغىرلىقى، قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، ئاچ قورساق يۈرۈش ھەم زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش، تۇزسىزراق تاماق ئىستېمال قىلىش، ھەر كۈنى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئىستېمال قىلىنىدىغان تۇزنىڭ مىقدارىنى بەش گرامدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك، يۇقىرى خولېستىرىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، يېڭى كۆكتاتلاردىن تاتلىق ياڭيۇ، پۇرچاق، كەرەپشە قاتارلىق يىڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى يېيىش، بۇلار ئارقىلىق قان بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
3. ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار تاماكا، نەشە چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. يەنى تاماكا تەركىبىدىكى نېكوتىن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ ۋە سالامەتلىككە ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، خەتەرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ھاراق ئىچىشمۇ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇلاردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.
4. قان بېسىمىنى چۈشۈرگۈچى دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.
قان بېسىمى نىسبەتەن يۇقىرى بىمارلارغا قارىتا قان بېسىمىنى پەيدىنپەي تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش، گەرچە دورا ئىستېمال قىلسىمۇ ئۆلچىگەندە يۇقىرى بولسا، ۋاقتىدا قان بېسىم تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ يېيىش ، ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكىنىنى بايقىغان ھامان دائىم يەيدىغان قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىنى يېيىش ھەمدە يېرىم سائەت ئەتراپىدا يېتىپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش، قان بېسىمى ئۆرلەپ باش ئاغرىش، باش قېيىش، يۈرەك ساھەسى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئۆز ۋاقتىدا قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى تىل ئاستىغا سېلىش، ئەمما ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىنچلاندۇرغۇچى دورىلارنى يېمەسلىك، قان بېسىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولسا، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك، قان بېسىمى نورمال دائىردە بولسا، دورا مىقدارىنى ئەسلى ھالىتىدە ساقلاپ قېلىش كېرەك.
5. قۇشۇمچە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
قان بېسىمىنى جىددىي تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشتىن يۈرەك، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك سېلىش، باش قېيىش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال يېتىپ ئارام ئېلىش ھەم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.