كۆز كېسەللىكلىرى

يىڭناسقۇ

    يىڭناسقۇ(شەئىيرە) بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان، كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئۆتكۈر يېرىڭلىق ئىششىقى بولۇپ، پەيدا بولغان ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىچكى ۋە تاشقى يىڭناسقۇ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ سىرتىدىكى يىرىڭلىق قاپارتچۇق تاشقى يىڭناسقۇ، كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئىچىدىكى يىرىڭلىق قاپارتقۇچ ئىچكى يىڭناسقۇ دەپ ئاتىلىدۇ.
   سەۋەبى: يىڭناسقۇ كۆپىنچە، قان خىلىتى ياكى سەۋدا خىلىتىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئاچچىق- چۈچۈك، كۈچلۈك تاماقلارنى ھەزىم قىلماي تۇرۇپلا ئارقا- ئارقىدىن ھەزىم قىلىش، كەچتە يېتىشتىن ئىلگىرى دائىم تاماق يەپلا ئازراق ھەرىكەت قىلماي ئۇخلىغانلىقتىن بۇزۇق يەللەر پەيدا بولۇپ كۆز گىرۋەكلىرىگە يامان تەسىر قىلغانلىقى، بەزى كىشىلەردە  قاپاق ۋە كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماي پاسكىنا قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاش ۋە ھەر خىل چاڭ- توزانلار تۈپەيلىدىن كىرپىكلەر ئاستىدىكى تۈك خالتىلىرىغا جەراسىم (مىكروب) نىڭ كىرىشىدىن كۆز گىرۋەكلىرىگە پۇرچاقتەك قاپارتچۇق چىقىپ يىڭناسقۇ پەيدا بولىدۇ.
 ئالامىتى: 1. تاشقى يىڭناسقۇ: كۆپىنچە، كۆزنىڭ تۆۋەنكى گىرۋەكلىرىدە پەيدا بولىدۇ. كۆزنىڭ يۇقىرىقى گىرۋەكلىرىدىمۇ كۆرىلىدۇ. دەسلەپتە، دائىرىلىك كىچىك قاتتىق مۇدۇرچاقلار پەيدا بولىدۇ. ئازراق قىچىشىپ ئاغرىيدۇ، كېيىن قىزارغان ئىششىق دائىرىسى كېڭىيىپ باسسا ئاغرىيدۇ. بۇ يىرىڭ تۇتۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قاپارتچۇق ئۇچلىرى ئاقىرىپ باسسا مىلىقلىسا، يىرىڭنىڭ پىششىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قىزىرىپ ئىششىق ئېغىرلاشسا، پۈتۈن قاپاققا تەسر قىلىپ قاپاق يىرىڭلىق ئىششىقىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە قۇلاق ئالدى بەزلىرى يوغىناپ كىتىدۇ. يىرىڭ ئىغىز ئالغاندىن كېيىن قىزىللىق، ئىششىق، ئاغرىشلار ئۆزلىكىدىن قايتىپ كېتىدۇ.
    2. ئىچكى يىڭناسقۇ: ئالامەتلىرى تاشقى يىڭناسقۇ بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۆز جىيەكلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شىللىق پەردىدە بولغاچقا، يىرىڭ تۇتقاندىن كېيىن قاپاق ئىچكى پەردىسىدە سېرىق رەڭلىك يىرىڭ نوقتىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
     ئالدىنى ئېلىش: ئاچچىق- چۈچۈك كۈچلۈك تاماقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش، كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. كۆزنى قالايمىقان تۇتماسلىق ۋە يىڭناسقۇنى قالايمىقان سىقماسلىق كېرەك. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button