ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىدىكى بەش خاتا قاراش
بىرىنچى خاتا قاراش:
ئارقىچىلاپ مېڭىپ چېنىقىش پايدىلىق. ياشانغانلار مەيدان ياكى كوچىلاردا ئۈچ – تۆتتىن بولۇپ ئارقىچىلاپ مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۇتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەل ئاغرىقىنى داۋالاپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن ياشانغانلارنىڭ بۇنداق چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللىشى مۇۋاپىق ئەمەس. سەۋەبى ياشانغانلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىز، سەزگۈرلۈكى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئارقىچىلاپ ماڭغاندا ئاسانلا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈش ياكى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ يىقىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئۇمۇرتقا تۈۋرۈكى، داس سۆڭىكى، تىز، ئوشۇق بوغۇمىنىڭ تاسادىپىي زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ھاۋا سۈپىتى ياخشى ۋاقىتنى تاللاپ مېڭىپ بېرىشى، سەكرەپ بېرىشى، بەل، دۈمبە مۇسكۇللىرىنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇشى، ئومۇرتقا، بوغۇملارنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
ئىككىنچى خاتا قاراش:
بىنانىڭ پەلەمپىيىدە چېنىقىش مۇۋاپىق، دەپ قاراش. پەلەمپەيدىن چىقىپ – چۈشۈش مەشىقى قىلىش گەرچە ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەدەننى ئورۇقلاتسىمۇ، لېكىن پەلەمپەيدىن چىقىپ – چۈشۈش مەشىقىنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرغاندا بەدەنگە زىيانلىق تەسىر بېرىدۇ، چۈنكى پەلەمپەيدىن چىقىپ – چۈشۈش مەشىقى جەريانىدا تىز بوغۇملىرىغا چۈشكەن بېسىم ئېشىپ بارىدۇ، ئىككى پۇت تىز بوغۇملىرى ئۈستىگە ئېلىش زۆرۈر بولغان بېسىم يەككە پۇت تىز بوغۇمىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، بۇنداق چېنىقىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن تىز بوغۇملىرىنىڭ سۈركىلىپ زەخىملىنىشى زورىيىدۇ، شۇنداقلا تىز بوغۇملىرى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار يانتۇلۇق دەرىجىسى سەككىز – ئون گرادۇس بولغان جاينى تاللاپ، 200 – 300 مېتىر مېڭىپ بەرسە، بۇنداق مېڭىشنى تەكرار ئۈچ – تۆت قېتىم داۋاملاشتۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ ياشانغانلار پۇتىنىڭ كۈچىنى ۋە يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۈچىنچى خاتا قاراش:
ئەتىگەندە چېنىقىش كەچتە چېنىققاندىن ياخشى، دەپ قاراش. سەھەردە ياشانغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىگەندە تېمپېراتۇرا تۆۋەن، نەملىك يۇقىرى، تۇمان ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا چېنىقىش مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا ياشانغانلار ۋە يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قاش قارايغان چاغدا چېنىقسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرەك، مېڭە قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ياخشى، يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمى تەڭپۇڭ، قان شېكىرى دەرىجىسى ۋە جىگەر گلىكوگېنىنىڭ زاپاس مىقدارى نورمال بولۇپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى خاتا قاراش:
مەشىق قانچە جاپالىق بولسا شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دەپ قاراش. ياشانغانلار چېنىقىش قانچە جاپالىق بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇنداق ‹‹جاپالىق مەشىق›› نىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى ياشانغانلارغا نىسبەتەن خەتەرلىك. ياشانغانلار مەشىقلەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كۆرۈلگەن بەزى بىنورمال ئەھۋاللارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن ھەرىكەت جەريانىدا ئاغرىش، باش قېيىش، كۆكرەك چىڭقىلىش، دەم سىقىلىش ياكى زىيادە چارچاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىش كېرەك، بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇنىڭغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
بەشىنچى خاتا قاراش:
ھەرىكەتتە زەخىملەنگەندىن كېيىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. چېنىقىش ئىلمىي بولمىغاندا، ھەرىكەتتە زەخىملىنىش كېلىپ چىقىدۇ، قىسمەن ئىششىش، ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بىر قىسىم ياشانغانلار دەرھال ‹‹ئىسسىق ئۆتكۈزۈش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئۇلار ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسەك قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، زەخىمنىڭ ساقىيىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەرىكەتتە زەخىملىنىش(مەسىلەن: ئوشۇق بوغۇملىرى تولغىنىپ زەخىملىنىش) ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە قاناش، ئىششىش سەۋەبلىك ئاغرىش پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز دېسەك، ئەھۋالنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ، توغرا ئۇسۇل 24 سائەتكىچە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش(مەسىلەن: مۇز پارچىلىرىنى قويۇش)، 24 سائەتتىن كېيىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالىسا ئاغرىشنى ۋە ئىششىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.