كۆز ياشاڭغىراش
كۆز ياشاڭغىراش ياش يوللىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان كۆزدىكى بىر خىل كىسەللىك ئالامىتى بولۇپ ياش يوللىرى ھەرخىل سەۋەبتىن توسۇلۇپ قالسا، گەرچە ياش مىقدارى كۆپەيمىسىمۇ تەدرىجىي ھالدا بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە ھەم چاناق قىسمىغا يىغىلىپ بىراقلا كۆز سىرتىغا چىقىش كۆز ياشاڭغىراش دىيىلىدۇ.
داۋالاش:رېستىپ: ئۆچكە يولىنى پىلتە قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا قويسا، كۆزدىن ياش ئېقىشقا داۋا بولىدۇ.
رېستىپ: قارا قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى ئېگىر بىلەن ياقسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېستېپ: خۇراز ئۆتىنى ياش ئاقىدىغان كۆزگە سۈرسە شىپا بولىدۇ.
رېستىپ: قىزىل ئالمىنىڭ ئېچىگە سېرىغ ياغنى تىقىپ خىمىرغا ئۇراپ پىشقاندا ئېلىپ، ياغنى كۆزگە تارتسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېستىپ: كالىنىڭ ئۆتىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆزنىڭ سىرتىدىن سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ.
پەرھىز: تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، ئاچچىق – چۈچۈك، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبئىيەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش، سۇغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق، ھاراق ئىچمەسلىك، چاڭ – توزان، ئىس – تۈتەكلىك ئورۇندا تۇرماسلىق، زىيادە ئاچچىقلانماسلىق، چارچىماسلىق، كۆزىنى پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن تۇتماسلىق كېرەك.