كۆز كېسەللىكلىرى

كۆز كېسەللىكلىرى ئىچىدە گلاۋكوما بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ

 كۆز كېسەللىكلىرى ئىچىدە گلاۋكوما بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ ، ئۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ، گلاۋكوما كېسىلىنىڭ  ئاساسلىق ئامىلى يۇقۇرى قان بېسىمى ، تاماكا چېكىش ، سېمىزلىك كېسىلى قاتارلىقلار ئىكەن . يېقىندا ياپونىيىنىڭ  بىر تۈرلىك تەتقىقاتىدا كۆرسۈتۈلىشىچە ، كومپيۇتېرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ( تۇققۇز سائەتتىن ئارتۇق ) ئىشلەتكەنلەرنىڭ گلاۋكوماغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقۇرى بولىدىكەن . خىزمەت ، تۇرمۇش ، كۆڭۈل ئىچىش قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە  كومپيۇتېر ئىشلىتىلگەچكە كۆزنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؛ 
         (1)  كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا ، ھەر بىر سائەتتە بەش مىنۇت ئارام ئىلىش كېرەك . 
         (2)  كۆز بىلەن كومپيۇتېرنىڭ ئارلىقى 60 سانتىمېتىردىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك .
         (3)  ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بولىشى كېرەك

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button