كۆز كېسەللىكلىرى
كۆز پارسچە چەشىم، ئەرەپچە ئەين دەپ ئاتىلىدۇ. كۆز ئادەم بەدىكى مۇرەككەپ ئەزالار ئىچىدە مۇھىم ۋە نازۇك ئەزا بولۇپ، سىرتقى دۇنيانى تونۇتۇشتىكى تاشقى بەش سەزگۈ ( ھەۋاسى خەمسە زاھىرى) ئەزانىڭ بىرى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى كۆزگە كۆرۈنىدىغان شەيئىلەرنىڭ تەسۋىرلىرىنى مېڭىدە نورمال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئۇ، بۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس كۆرۈش كۈچى( قۇۋۋەئى باسىرە) گە تايىنىشتىن سىرت ئۆزىدىكى پەردىلەر، سۇيۇقلۇقلار ۋە كۆرۈش ئەسەبلىرى ( ئەسەبىي مەجەۋۋەفە) قاتارلىقلارغا تايىنىدۇ. ئۇ سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە كۆز ئېقى، كۆز قارىسى، كۆز قارىچۇقى قاتارلىقلار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن يۇمىلاق ھالىتىنى قاپاق ۋە كىرپىكلەر ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، تېبابەتچىلىكىمىز كۆز كېسەللىكلىرىنى ئادەتتە قاپاق ۋە كىرپىك كېسەللىكلىرى، كۆز بۇرجىكى كېسەللىكلىرى، كۆز ئېقى كېسەللىكلىرى، كۆز قارىسى كېسەللىكلىرى، كۆز بۇرجىكى كېسەللىكلىرى، كۆز ئېقى كېسەللىكلىرى، كۆز قارىسى كېسەللىكلىرى، كۆز بۇرجىكى كېسەللىكلىرى، سىرتقى زەخىملىنىشتەك باشقا كۆز كېسەللىكلىرىگە ئايرىيدۇ ھەمدە كېسەللىك سەۋەبى، ئالامىتى، داۋاسى ( ئىچكى ۋە تاشقى داۋاسى، دەستىكار ئۇسۇللىرى) پەرھىزى، ئوزۇقلىنىشى قاتارلىقلار بويىچە تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
كۆزنى پەرۋىش قىلىش