كۆز كېسەللىكلىرى

كۆزگە پايدىلىق ئامىللار

     كۆزنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدىغان ھەر خىل ئامىللار يەنى چارە- تەدبىر، يېمەك- ئىچمەك ۋە دورىلاردىن خەۋەردار بولۇش كۆز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
     كۆزنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، كۆزنى قول بىلەن ئۇۋۇلىماسلىق، پاكىزە بولمىغان قول ياغلىق ۋە لۆڭگىلەر بىلەن سۈرتمەسلىك لازىم. باش، كۆزنى ئېقىتقان سۇدا  يۇيۇش ئەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر داستا يۇيۇشقا توغرا كەلسە ئۆزىنىڭ مەخسۇس دېسى بولۇش، ھەر قىتىمدا يېڭى، پاكىز سۇ ئىشلىتىش كېرەك. تازىلىق سايمانلىرى (لۆڭگە، داس، قول ياغلىق قاتارلىقلار)نى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
     كىتاب ئوقىغان، خەت يازغاندا نۇر تولۇق بولۇش، راۋرۇس ئولتۇرۇش، خەت بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقى 30سانتىمىتىر بولۇش. يېتىۋىلىپ، مېڭىۋىتىپ ماشىنىدا كېتىۋىتىپ كىتاب ئوقۇماسلىق كېرەك. مەلۇم ۋاقىت كىتاب كۆرگەن ياكى خەت يازغاندىن كېيىن يىراقلارغا ۋە مەنزىرىلىك جايلارغا قاراپ كۆزنى بىر پەس ئارام ئالدۇرۇش، كۆزنى يۇمۇۋىلىپ قول بىلەن كۆز ئەتراپى ۋە يۈزنى بىر پەس سىلاش ئۇۋىلاش كېرەك.
     سۈزۈك، پاكىز، تاتلىق سۇغا چۆمۈلۈش ھەمدە شۇ سۇ ئىچىدە كۆزنى ئېچىش كۆز كۆزگە مەنپەئەتلىك. ياشلار سوغۇق سۇغا، ياشانغانلار ئىسسىق سۇغا چۆمۈلگىنى مۇۋاپىق. ئاسان سىڭىدىغان، ياخشى قان پەيدا قىلىدىغان لەتىيىف تاماقلارنى مۇۋاپىق ئۆلچەمدە نورمال ھالەتتە ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن: ئاق چامغۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش لازىم. نورمال ھالدا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدىغان يەنى ئارتۇقچە ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك. جۇلا بېرىپ پارقىرىتىش، پارلاندۇرۇپ تارقىتىش تەسىرىگە ھەر قانداق دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرگۈچى ۋە كۈچلەندۈرگۈچى ھەر خىل دورىلارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن: مەرزەنجۈشنىڭ سۈيىگە چىلاپ سايىدا قۇرۇتۇلغان سۈرمە، سەڭگى بەسىرى(بىر خىل تاش) قاتارلىقلارنى كۆزگە تارتىش، بادىيان سۈيى ياكى بادىيان سۈيىدە ئېزىلگەن (سۈرۈلگەن)سۈرمىلەرنى كۆزگە سۈرۈش؛ يېڭى بادىيان سۈيى(كۆك بادىياننىڭ سىقىلغان سۈيى)، غورا ئۈزۈمنىڭ سۈيى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بىرىش كۆزگە پايدىلىق. بۇرۇدى رۇممان(ئانار بىلەن تەييارلانغان دورا)نىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى. يەنە شۇنىڭدەك كەپتەرنىڭ بېشىنى كۆيدۈرۈپ ئۇنىڭ كۈلىنى سۈرمە قىلىپ تارتىش ۋە ئەنزەرۇت، زەمچە، زەئفەر، ئىپارنى ئىشلىتىشنىڭ كۆزنى كۈچلەندۈرۈشكە پايدىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى كۆزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش، ھەر تۈرلۈك نەزلە سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ قويۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خىلى ياخشى رولى بار.
     تىللا سۈرمىچى بىلەن ئەقىقنى ھەر ئايدا 2  قېتىم سۈرمە قىلىپ كۆزگە تارتسا بارلىق كۆز ئاغرىقى كۆز كىسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. يىلمان ئىسسىق سۇنى باشقا قويۇش، باشنى بېنەپشە، قاپاق ۋە بادام ياغلىرى بىلەن ياغلاش، كوھلى روشنائى، كوھلولجەۋاھىرىلارنى سۈرمە قىلىپ كۆزگە تارتىشمۇ كۆزنى كۈچلەندۇرىدۇ. خۇلاننى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتسا كۆزنىڭ زىيادە خىلىتلىرى ۋە ھۆللۈكنى تارقىتىپ كۆزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرايدۇ. مەرقىششا، بىخ مارجان، يۇيۇلغان شادىنەج ۋە كۆيدۈرۈپ، يۇيۇلغان دېڭىز سەرتانى(قىسقۇچ پاقا)، سۇنبۇل ھىندى، سازەج ھىندى  قاتارلىقلارنى سۈرمە قىلىپ كۆزگە تارتسا كۆزنى ئاسرايدۇ. بىر ھەپتە بادىيان چىلانغان يامغۇر سۈيىنى ھەر قانداق كۆز كېسەللىكىدە كۆزگە تېمىتسا  كۆزنىڭ قۇۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئەسمىد (بىر خىل سۈرمە تېشى)نى ھەر كەچتە سۈرمە قىلىپ كۆزگە تارتسا ياكى مەرۋايىت، مارجان، ئىقلىميائى زەھەب(ئالتۇن دېتى)، زەئفەر، ھۇزۇر(روسۇت)، شېكەر، كۆيدۈرۈلگەن پىلە، مامىران چىنى، مۇدەببەر قىلىنغان مىس  ۋە سەبرىلەرنى سۈرمە قىلىپ كۆزگە تارتسىمۇ، كۆزگە كۆپ مەنپەئەتلىك. قىش كۈنلىرىدە ئىپارنى، ياز كۈنلىرىدە ئەنبەرنى پۇراشنىڭ كۆزنى ئاسراشتا خېلى چوڭ رولى بار. زۇمرەت، سەڭگى سەبەج(بىر خىل تاش) ۋە كۆكتات قاتارلىق يىشىل نەرسىلەرگە قاراش، تىللا سۈرمىچى (پىلتىكۈچى)نى دائىم كۆزگە تارتىش كۆزگە پايدا قىلىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button