كۆز كېسەللىكلىرى

كۆزگە زىيانلىق ئامىللار

    كۆزگە زىيانلىق شارائىت، كىلىمات، ھەرىكەت ۋە يېمەك-ئىچمەك، دورىلاردىن خەۋەردار بولۇپ ئۇلاردىن ساقلىنىش ھەر خىل كۆز كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
    كۆزنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، قول بىلەن كۆزنى قالايمىقان ئۇۋۇلاش،  پاكىز بولمىغان قول ياغلىق ياكى لۆڭگىلەر بىلەن كۆزنى سۈرتۈش باش ۋە كۆزنى سۈيىنى يېڭىلىمىغان داستا يۇيۇش بولۇپمۇ لۆڭگە، قول ياغلىق، داس قاتارلىق تازىلىق سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. قاراڭغۇ ياكى نۇرى تولۇق بولمىغان شارائىتتا كىتاب ئوقۇماسلىق، خەت يازماسلىق، خەتكە كۆزنى ھەددىدىن ئارتۇق يېقىن قىلىۋالماسلىق، يېتىپ،مېڭىۋىتىپ، ماشىنىدا كېتىۋىتىپ كىتاب ئوقۇش ۋە ئارام ئالماي، ئۇدا كىتاب ئوقۇش ۋە خەت يېزىشتىن ساقلىنىش لازىم.
     بۇلغانغان، پاسكىنا، ئاچچىق سۇلاردا چۆمۈلمەسلىك، چاڭ- توزان، ئىس-تۈتەك جايلاردا تۇرماسلىق، كۆزنى زىيادە ئىسسىق ۋە سوغۇق ھاۋا، بوران- چاپقۇندىن ساقلاش، ئۆتكۈر،كۈچلۈك نۇر ۋە چاقناۋاتقان نەرسىلەرگە قاراش، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە قارغا كۆپ قاراش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بەك كىچىك خەت ۋە ئىنچىكە نەرسىلەرگە ئۇزۇنغىچە قاراش، مۇنچىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇش، قاتتىق غەم- غۇسسە قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
     تۇزنى كۆپ مىقداردا ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش، ھاراق قاتارلىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، تاماققا بەك تويۇنغاندا سىڭمەي تۇرۇپ ئۇخلاش، ھەر خىل يەللىك ۋە تەستە ھەزىم بولىدىغان ھەمدە كۆزگە يامان تەسىرى بار يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش ياكى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن، يەللىك سوغۇق نەرسىلەردىن سۈت، دادۇر، لوۋىيا قاتارلىقلار؛ يەللىك ئىسسىق نەرسىلەردىن سامساق، لازا، پىياز قاتارلىقلار؛ كۆزنى غۇۋالاشتۇرغۇچى ۋە كۆزگە زىيان قىلغۇچى نەرسىلەردىن چەلەڭ، ھەببۇلمۈلۈك، چەيزە، جۈسەي، قىچا، جۇۋىنە، سىياھدان قاتارلىقلار؛ بۇلاردىن سىرت ئاچچىقسۇ، چۈچۈمەل ئالما، بادۇرۇج، سېرىق چىچەك، خۇرما، كالا گۆشى، سۈرلەنگەن گۆش، قورىغان گۆش، زەيتۇن قاتارلىقلارنىڭمۇ كۆزگە بەلگىلىك دەرىجىدە ناچار تەسىرى بار. كۆز ئاغرىغاندا ئۇسۇڭ، سىركە، زەرنىخ، ئەپيۈن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتسە كۆزگە زىيان قىلىدۇ. كۆزنىڭ ئەسلى مىزاجى ھۆل بولغاچقا زىيادە ھۆللەشتۈرگۈچى، سوۋۇتقۇچى، بوشاتقۇچى دورىلار ياكى نەرسىلەرنى  كۆپ ئىستېمال قىلسا كۆزنىڭ مىزاجىنى بۇزىدۇ. ھەزىم خىزمىتى بۇزۇلۇش، يېمەك- ئىچمەك رىتىمسىزلىنىش، قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن كۈچلۈك بۇخارلار كۆزگە ئوخشاشلا زىيانلىق.
    باش ساھەسىنى كۆپلەپ ھورلاندۇرۇپ داۋالاش، دائىم قان ئېلىش، ھەددىدىن ئارتۇق ھىجامەت قويۇش، كۈچلۈك مۇسھىل دورىلارنى بېرىش، زۆرۈر بولمىغان قەينى كۆپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆزگە زىيانلىق.   

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button