كۆزگە ئاق چۈشۈش
كۆزگە ئاق چۈشۈش كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىگە بىر خىل ئاق پەردە چۈشكەنلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، نىپىزراق بولغىنى غەمام دەپ ئاتىلىدۇ. قېلىنراق بولغىنى بەيازۇلئەينى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۆزنىڭ كۆرۈش خىزمىتىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
سەۋەبى: بۇ ئادەتتە بىرلەمچى (تۇغما) ۋە ئىككىلەمچى(كېيىن پەيدا بولغان) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىككىلەمچى پەيدا بولغانلىرىدا ئاساسەن كۆزنىڭ ھەر خىل زەخمىلىنىشلىرى( كۆز ئەتراپىغا قىزىل، چېچەك ۋە باشقا جاراھەتلەر چىقىش)، كۆز ھەر قايسى پەردىلىرىنىڭ ياللۇغلىرى، مۈڭگۈز پەردىنىڭ يىرىڭلىق جاراھىتى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىق ياكى داۋالاشتىكى خاتالىقلار تۈپەيلىدىن كۆزنى ئۇزۇنغىچە ئاچالماي يۇمۇپ يۈرۈش نەتىجىسىدە قويۇق بۇزۇق ماددا مۈڭگۈز پەردىدە توختاپ قىلىپ پەيدا بولىدۇ. يەنە، كونارغان باش ئاغرىقى، باشنىڭ يىرىمى ئاغرىش(شەقىقە)، ئېغىر دەرىجىدىكى يىقىندىن كۆرۈش كېسىلى ۋە دېئابىت كېسىلى سەۋەبىدىنمۇ مەزكۇر پەردىگە بۇزۇق ماددا تەسىر قىلىپ كۆزگە بۇزۇق ماددا تۆكۈلۇپ ئاق ماددا پەيدا بولىدۇ. يەنە بەزى ئومۇمىي بەدەن كىسەللىكلىرى، تېرە كىسەللىكلىرى ۋە كەسپى سەۋەبلەر (ئەينەكچىلىك) تۈپەيلىدىنمۇ مۈڭگۈز پەردىگە بۇزۇق ماددا تەسىر قىلىپ كۆزگە ئاق چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ. تۇغما پەيدا بولغانلىرى ئاساسەن سۆزنەك كېسىلى بار ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆزىگە ۋاقتىدا داۋا قىلماسلىقتىن كېلپ چىقىدۇ.
بەزىدە بەك ياشانغانلىقتىنمۇ كۆزگە تەدرىجىي ھالدا ئاق چۈشۈپ قالىدۇ.
ئالامىتى: مەزكۇر كېسەلنىڭ ئىككىلەمچى پەيدا بولغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە ئىككىلا كۆزگە ئاق چۈشىدۇ. پەقەت ئاقنىڭ ئىلگىرى- كېيىن چۈشۈش مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت. ئاق پەقەت بىرلا كۆزىدە ئۇزۇن مۇدەتكىچە بولسا كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبنىڭ تېخى مەۋجۇتلىقىنى پەرەز قىلىش كېرەك. دەسلەپتە كۆز قارىسىدا بولۇپمۇ كۆز قارىچۇقىدا ئاق چېكىت پەيدا بولىدۇ. ئاق روشەن مەلۇم بولىدۇ. ئاقنىڭ بەزىلىرى نېپىز،سۈزۈك، خۇددى ئاق بۇلۇتتەك بولىدۇ. بەزىلىرى قېلىن، توق ئاق رەڭدە بولۇپ مۈڭگۈز پەردىدە چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بەزىلىرى مەزكۇر پەردە بىلەن بىللە سىرتقا بىر ئاز پولتىيىپ چىقىدۇ.
كۆزگە ئاق چۈشۈش ئادەتتە 3دەۋرگە بۆلىنىدۇ: 1. دەسلەپكى دەۋرى، 2. تەرەققىي قىلىش دەۋرى، 3، پىشىش دەۋرى.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:كۆزنى بەك ئىسسىق ۋە سوغۇق ھاۋادىن ساقلاش بىلەن بىرگە ئىسسىق سۇ ياكى ئەرىقى بادىيان بىلەن پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.
دەستىكارلىق ئۇسۇل بىلەن داۋالانغاندىن كېيىن شىشىسىمان سۇيۇقلۇق(روتۇبەتى زۇجاجىييە) نىڭ ئالدى ھۇجرا (ھوجرەئى مۇقەددەمە) گە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ نورمال ھالىتىگە كېلىشتىن بۇرۇن باشنى تۆۋەنگە ئېڭىشتۈرمەسلىك كېرەك.