كۆز كېسەللىكلىرى

كۆرۈش ئاجىزلىشىش

بۇ ھەرخىل ئىچكى – تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى بارا – بارا ئاجىزلاپ نورمال كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت.
     داۋالاش:رېتسىپ: چىلاننى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
     رېتسىپ: بىلىقنىڭ ئىچ يېغىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ كۆزگە تارتسا كۆز روشەن بولىدۇ.
     رېتسىپ: توخۇ شورپىسىغا چالا سوققان يۇمغاقسۈت سېلىپ ئۈگرە قىلىپ ئىچىپ بەرسە بۇنىڭغا ئانار، زىخ سۈيى قوشۇپ ئىچسە كۆرۈش ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ.
     رېتسىپ: تۈگىنىڭ جىگىرىنى كاۋاپ قىلىپ ياكى يەڭگىل پۇشۇرۇپ يەپ بەرسە، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كۆرۈش ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېتسىپ: ئاق پىياز سۈيىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە چاپسا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
     رېتسىپ: تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سۈتىگە ئوسۇڭ شىرنىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
پەرھىز: تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە قۇرۇق ئىسسىق، تەبئىيەتتىكى يېمەكلىكتىن خالىي بولۇش، ھاراق ، تاماكىدىن نېرى بولۇش، قورساقنى تويغۇزۇپلا ئۇخلىماسلىق، كۆزنى قالايمىقان تۇتماسلىق، ئۇۋۇلىماسلىق، قالايمىقان دورا ئىشلەتمەستلىك

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button